خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -8 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): 100يىلنىڭ ئالدىدا، يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغان. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى،12يىلنىڭ ئالدىدا، بۇ ئۇلۇغ ئادەم ئۆمۈر مۇساپىسىنى تاماملاپ بىزدىن ئايرىلدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ رەھبىرى،ھۆرمەتكە سازاۋەر پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى شۇنداقلا يازغۇچى ھەم شائىر.
ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە سەيپىدىن ئەزىزى مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر 12 مۇقامى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق گۆھەرنىڭ بىرى، تىرىشچان، ئىجادىيەت روھىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، تارىخنىڭ سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر 12 مۇقامى يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر 12 مۇقامنى قۇتقۇزىۋالدى. ئەينى چاغدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇنلا ئۇيغۇر 12 مۇقامنى تولۇق ئېيتتالايتى. لېكىن تۇردى ئاخۇن 70 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغاچقا، 12 مۇقامنىڭ يوقۇلۇپ كېتىش خەتىرى بار ئىدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. دەل مۇشۇ چاغدا، يولداش سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، خەلققا مەسئۇل بولۇش روھىي ۋە ئۆتكۈر كۆزى بىلەن بۇ ئەھۋالنى بايقىغان ھەمدە 1950-يىلى ئەتىيازدا، ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە زۇڭلى جۇ ئېنلەيگە جىددىي دوكلات قىلغان. بۇ دەرھال مەركەزنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. جۇ ئېنلەينىڭ يوليورۇقى بىلەن ھەرقايسى كۈچلەر تېزدىن توپلىنىپ ۋە تەشكىللىنىپ، 12 مۇقامنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى باشلانغان. ئاخىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامى تولۇق ساقلىنىپ قېلىنغان.
سەيپىدىن ئەزىزى ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولدى. 1980-يىلى، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەر قوبۇل قىلالايدىغان سىمفونىيە بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئورۇنداپ، شۇ ئارقىلىق 12 مۇقامنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرنى كېڭەيتىشنى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ 12 مۇقامدىن ئىبارەت جۇڭگو سەنئىتىدىكى بۇ ئۆچمەس گۆھەردىن ھوزۇرلىنىش خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يولداش سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا ئىلغار مەدەنىيەت مىراسى بولغان 12مۇقامنىڭ ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت باغچىسىدا مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە