ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 15-مارت باشقا تور بەتلەردە بايانات ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار ئەلچىخانا تورىدا رىياد، جىددە قاتارلىق شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلارنىڭ مۇلازىمەتنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇش، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان پۇقرالارنى بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ ئىش كۆرۈپ، زۆرۈر بولمىغان ساياھەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكىلەر يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن نېفىت ئىشچىلىرى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ياكى گۆرۈگە ئېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
ئامېرىكا تەرەپ تەھدىتنىڭ زادى قايسى خىل كۈچلەر تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۇلارنىڭ قانداق پىلانى بارلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى