تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى : مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئادىل ھوشۇر 4-مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:ئەلئىچى مەدەنىيەتنى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش شەكلىدە خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق، گۈزەل قىياپىتىنى خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە شىنجاڭنى تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
ئادىل ھوشۇر ئۇدا تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ ئىككى يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالاقە كۆۋرۈكى، مەن بۈگۈن ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇلار ئەلئىچى مەدەنىيەتنى، ئەلئىچى سەنئەتنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى، تىلىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ھەتتا دۇنياغا تونۇتۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.2014-يىلى مەن قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمدا، ئەلئىچى سەنئەتكار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، سەنئىتىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئەلۋەتتە خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلىنىش كېرەك. ‹‹ سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى ئەلئىچى مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتە مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار ›› .
بۇ قېتىم ئادىل ھوشۇر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە