ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

بەزمە قاينىغان ‹‹توغراقلىق››

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 04:02   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        

        ئىمىنجان داۋۇت

    2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى توغراقلىق كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى دىلبەر خانىم كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇندىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى. 450 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ زال ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ئاۋۇت ماڭا: ھازىر ئاز دېگەندىمۇ 400دىن ئارتۇق ئادەم لېكسىيە ئاڭلاۋاتىدۇ، دېدى. دەرۋەقە، ناھايىتى كۆركەم ھەم ئۆلچەملىك قىلىپ سېلىنغان بۇ مەدەنىيەت زالىنىڭ ئاشخانا قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق بولغاچقا، كەنتنىڭ تۈرلۈك يىغىن، تەربىيەلەش ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى بىمالال ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توي – تۆكۈنلىرىنى ئۇزاتقىلى بولىدىكەن.

    بۇ مەدەنىيەت زالىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، – دېدى شۇجى داۋۇت ئاۋۇت ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، – كەنتىمىزدە 450 ئائىلە، 1732 نوپۇس بار. كەنتىمىز يېزا مەركىزىگە 18 كىلومېتىر كېلىدۇ، شۇڭا، كەنتىمىز يېزىمىزنىڭ شەرقىدىكى تۆت كەنتنىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان بولغاچقا، يېزا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر كەنتىمىزدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تارماق پائالىيەت سۈپىتىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. شۇڭا، كەنتىمىزدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە شەرقتىكى تۆت كەنت ئاھالىلىرى قاتنىشىدىغان بولغاچقا، كۆلەم ۋە تەسىر دائىرىسى چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قەدەر ئۆلچەملىك ھەم چوڭ سورۇن لازىم بولغاچقا، بۇلتۇر 8 – ئايدا نىڭبو شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم مەبلىغى بىلەن بۇ مەدەنىيەت زالىنى پۈتكۈزدۇق. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ھازىر بۇ زال تۈرلۈك لېكسىيە، تەربىيەلەش، مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، دېھقان – چارۋىچىلار زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى، ھەتتا دېھقانلارنىڭ بەزى مېھمان ئۇزىتىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ زال بۇلتۇر 11 – ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان ھەپتىدە بەش كۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، يەنە 12 دېھقان ئائىلىسىنىڭ توي مەرىكىسىنى مۇشۇ زالدا ھەقسىز ئۇزاتتۇق.

    مەن توغراقلىق كەنتىدە بىر كۈن مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا، توغراقلىق كەنتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، يېزا ياشلىرىغا ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىتىش تېمىسىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك پائالىيىتىگە قاتناشتىم ھەم كەنتتىكى قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىغا تېخىمۇ ماسلاشقان ھالدا ئاممىنى يېتەكلەش، تەربىيەلەش سورۇنى بولغان كەنت قىرائەتخانىسى، يېشىل تورخانا، تىكتاك توپ ئۆيى، دېھقان – چارۋىچىلار سەنئەت ئىجادىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. كەنت قىرائەتخانىسىدا گېزىت ئوقۇۋاتقان دېھقان ياش ئەھمەد تۇراپ ماڭا ھەر كۈنى كەنتكە كۆڭۈل ئېچىش ياكى كىتاب ئوقۇشقا كېلىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى، بۈگۈن نۇرغۇن ئادەم لېكسىيە ئاڭلاۋاتقان بولغاچقا، كىتاب ئوقۇش، بىليارت، تىكتاك توپ ياكى ۋالىبول ئوينىغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئازلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇ كۈنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا يەنە باي ناھىيەلىك ‹‹شىڭفۇتۇڭ›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئادىل ئابلەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ توغراقلىق كەنتىدىن توكچىلىق كەسپىنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان ياشلارغا دەرس ئۆتكىلى كەپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېزا ياشلىرىنىڭ ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇلارنى قىزىقىشىغا ئاساسەن توكچىلىق، كەپشەرلەش، خەنزۇ تىلى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە كەسپىي مەكتەپلەرگە تونۇشتۇرۇپتۇ ھەم كۇرسانتلارغا ھەقسىز، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن مەكتەپلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كەنتلەرگىچە تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزۈپتۇ. ئونباش يېزىسى بويىچە 50 ياش توكچىلىقنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ قارارلىق كۇرس 2 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ھەم لاياقەتلىك بولغانلارغا ناھىيە، ۋىلايەت دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى بېرىلگەن.

    ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر توغراقلىق كەنتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 184 يۈەن بولغان، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە 52دىن 42گە ئازايغان.

    ئونباش يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جاڭخۇي مۇنداق دېدى: يېزىمىزدا 14 كەنت، بىر چارۋىچىلىق مەيدانى بار. بىز بۇلتۇر توغراقلىق كەنتىگە سېلىنغان مەدەنىيەت زالىدىن باشقا، 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ھەر قايسى كەنتلەرگە ئىلغار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدۇق. بىر كەنتنىڭ بىر ئايلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن يېزا ۋە كەنتلەرنى بىرلىك قىلغان، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› باش تېما قىلىنغان تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاممىمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەنتلەردە ناھايىتى قىزغىن ھەم قاينام – تاشقىنلىق ھالەتنى شەكىللەندۈردى. مەسىلەن: بىز كەنتلەر ۋە ئائىلىلەر ئارا ئۆتكۈزگەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىش، ئېتۇت ئورۇنلاش، ئارغامچا تارتىشىش، قوشاق ئېيتىش، ۋېلىسىپىتنى ئاستا مىنىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى مۇسابىقىلەر، مەشرەپ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە بەكلا ياقتى.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە