جاڭ لېي، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ خامچوت سېلىنمىسىدىن 15 مىليون يۈەن ئاجراتتى.
22 – فېۋرال سائەت 14 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى كۆكساز كەنتى ئەتراپىدا 5.0 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ھەم زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ يوليورۇق سورىدى ھەم دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2 – مارت ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ خامچوت سېلىنمىسىدىن 15 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بەردى، بۇ مەبلەغ جامائەت ئەسلىھەلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش، رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى