ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

كىچىك زاۋۇتلار قۇرۇلۇپ يېڭىسار ياشلىرىغا ئىش ئورنى ھازىرلاپ بېرىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 03:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                       

    دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر ‹‹جۇڭشىڭ›› پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە تۆت كىچىك زاۋۇتتا ئىش باشلىنىدۇ. بۇ يىل 35 كىچىك زاۋۇتنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپلا قالماي، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدىكى كېسىش مەركىزى، ئوراش مەركىزى، ئەشيا ئوبوروت مەركىزىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى جىنىڭ ‹‹جۇڭشىڭ›› پەلەيچىلىك گۇرۇھى بىلەن يېڭىسار ناھىيەسى بۇلتۇر 6 – ئايدا 1 – قاراردا 160 مىليون يۈەن، جەمئىي 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سانائەت ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىدا پەلەيچىلىك رايونى قۇرۇش، ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى يېزا، كەنتلەردە كىچىك زاۋۇت قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرىمۇ بۇ كارخانىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ، كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

    قەشقەر ‹‹جۇڭشىڭ›› شىركىتى يېڭىسارغا ماكانلاشقان قىسقىغىنا يېرىم يىلدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپلا قالماي، يەرلىكتىكى 1300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، شىركەت+ كىچىك زاۋۇت+دېھقاندىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ‹‹زاۋۇت باشلىقى››، ‹‹خوجايىن›› بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇردى.

    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى لومپا كەنتىگە كىچىك زاۋۇتنى كۆرگىلى بارغىنىمدا، تىككۈچىلىك ماشىنىلىرى ئالدىدا ئىشچىلارنىڭ رەت – رەت ئولتۇرغانلىقىنى، 120 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ پەلەي تىكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئايىمگۈل ئۆمەر بۇ زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى ئىكەن. ئۇ ماڭا: ھەممىمىز بۇ زاۋۇتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇڭا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتىمىز، دېدى.

    ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇش تۈرىمىز يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بىز ھەر كۈنى كېسىپ تەييارلانغان ماتېرىيالنى كىچىك زاۋۇتنىڭ تىكىشىگە ئەۋەتىپ بېرىمىز ھەم ئادەم ئەۋەتىپ يېتەكچىلىك قىلىمىز، لاياقەتلىك تىكىلگەنلىرىنى يىغىپ تەكشۈرۈپ، ئوراپ ئېكسپورت قىلىمىز. ئىشچىلار تېخنىكىغا پىششىق بولسا، يىلدا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ. ئىلگىرى ئاياللار ئاساس قىلىنغان تىكىش سېخىدا، ھازىر ئاز سانلىق مىللەت ئەرلىرىمۇ ئىشلەيدىغان بولدى. بۇ يەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.

    مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا 2 مىليون جۈپ پەلەي ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 800 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن، 10 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشالايدىكەن، باشقا يانداش كەسىپلەرگە 3000 ئادەم ئورۇنلىشالايدىكەن. يېڭىسار ناھىيەسى، ھەتتا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا پەلەيچىلىك زەنجىرسىمان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بەرپا قىلىنىدىكەن.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە