مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى ئاچقان كەسپىي خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلار بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش «قارا تىزىملىكى»گە كىرىپ قالسا، بانكىدىن قەرز ئېلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش خىزمىتىدە بىر قاتار چەكلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلغۇچىلار تۆلەيدىغان بەدەل يۇقىرى بولىدىكەن. كارخانىلارنى باھالاش تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدىكەن ھەمدە قارا تىزىملىك تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.مۇھىت ئاسراشتىكى ئىشەنچىلىك كارخانىلار ۋە مۇھىت ئاسراشتىكى ياخشى كارخانىلارغا مەدەت بېرىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن. قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان كارخانىلارغا تەستىقلاشنى چەكلەش، ئامانەت-قەرز چەكلىمىسى قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدىكەن. كارخانىلار تىجارەت جەريانىدا مۇھىت ئاسراش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدىكەن.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى