بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئىچكى ئەزالىرى تولۇق يېتىلەلمەيلا قالماستىن، قاندىكى زىيانلىق تەركىبلەرنى چىقىرىۋېتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى. بالىلار تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا قاندىكى ناترىي تومۇرلاردا قېلىپ، قان مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، شامالدارىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن سىرت، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى. بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
سىنىك كەملىك. تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ سىنىكنى نورمال ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سىنىك كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى