ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاش

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 03:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بۇلىدىغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەلىك بۇلۇپ ،ئاشقازان ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش،ئاشقازان ئېچىشىش،زەرداپ سۇ ياندۇرۇش،قۇرساق كۈپۈش،ھەزىم بۇلۇش تەسرەك يېمەكلىكلەرنى يېسە ئاغرىش ئېغىرلىشىش،قەۋزىيەت بۇلۇش،قۇرساق ساھەسى يېقىمسىز بۇلۇشتەك يېقىمسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئېپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئوسۇللىرى:

1.بېھىنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن شەربەت تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئېچىپ بەرسە جىددى ۋە سۇزۇلما تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.

2.زەنجىۋېلدىن بىر دانە ،گۈرۈچتىن بىر پىيالە ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ،قىززىق پىتى ئىچىپ بەرسە سۇزۇلما ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ.

پەرھىز قىلىدىغان ئىشلار:

غېزانى بەك كۆپ يېيىشتىن ،ئاچ قۇرساق ھاراق ئېچىشتىن،تاماكا چېكىشتىن،سېسسىپ بۇزۇلغان دورىلارنى،قېنىق دەملەنگەن چايلارنى ،قەھۋەنى ئېچىشتىن،كالا گۆشىدە تەييارلانغان تاماقلارنى ئېستىمال قىلىشتىن،پىشمىغان ياكى چالا پىشقان تاماقلارنى يېيىشىتىن،پېتىر مانتا،گۆشگىردە ،خوشاڭ،تاۋا كاۋاپ ۋە يۇقىرى .ېنىرگىيەلىك مايلىق تاماقلارنى ئېستىمال قىلىشتىن،ئالما،ئامۇت،دادۇر،جىگدە،قورۇلغان تۇخۇم،ئاچچىق سۇ،لازا،ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە