بوۋاقلاردا كالتسىي ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى كۆپ قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كۆپىنچە ياش ئاتا-ئانىلار بوۋاقلاردا ئازراقلا كالتسىي كەملىك ئالامەتلىرىنى بايقىغان ھامان، قممەت باھالىق كالتسىي تولۇقلايدىغان ساغلاملىق دورىلىرىنى بېرىشكە ئالدىراپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلىغاندا ئۇسۇلنىڭ توغرا بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى جاڭ جىخۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
ــ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلاردا كۆپ ھاللاردا كالتسىي كەملىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئايدا بالىغا كالتسىي تولۇقلاش ھاجەتسىز. بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى: ئانىنىڭ ھامىلدار ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە كالتسىي تولۇقلىشى بولۇپ، ئانا تېنىدىكى كالتسىي ۋە باشقا ئېلېمېنت ماددىلار ۋاسىتىلىك ھالدا بوۋاقلارغا تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ. بالا ئېھتىياجلىق كالتسىي ئانا سۈتىدىن كېلىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرمەي، بوۋاقلارغا دورا ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئاساس قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىلرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، سالامەتلىكىگە يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى