ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئادەت ۋە يوسۇن

ئەنئەنىۋى چار بازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەمگاھى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدۇر

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    يېمەك – ئىچمەك كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە مول مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چار بازارلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك يىغىلما مەيدانىدۇر.

    ئەنئەنىۋى چار بازارلاردىكى يېمەك – ئىچمەك فولكلورى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنئەنىۋى چار بازار رەستىلىرىدە مەخسۇس يېمەك – ئىچمەك دۇكان – يايمىلىرى بولىدۇ. بازارلاردىكى يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ بەزىلىرى نەق مەيداندا تەييارلىنىپ، بازار ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ. يەنە بەزى يېمەك – ئىچمەكلەر ئالدىن تەييارلىنىپ – پىشۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى چار بازارلاردىكى يېمەك – ئىچمەك تۈرلىرىدىن نان، گۆش، مېۋە – چېۋە ۋە ھەرخىل يەرلىك ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

    يېمەكلىك سورۇنلىرىدا نان ھەرقاچان ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئوزۇقلىنىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. نان بىر خىل يېمەكلىك تۈرى بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇئەييەن ئۇلۇغلۇق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇلىرى بىرلەشكەن قويۇق مەدەنىيەت مەنىسىگە ئىگە يېمەكلىك . ئۇيغۇرلار نانغا دەسسەشنى، ناننى ئىسراپ قىلىشنى ھار ئالىدۇ. قۇرغاق رايون بوستانلىقلىرىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە سەپەرلىرىدە نان كەم بولمايدۇ، شۇڭىمۇ نان ئەنئەنىۋى چار بازارلارغا ئالاھىدە ھۆسىن قوشقان.

    بازار كۈنلىرى قاسساپلار قوي – كالا – تۆگە گۆشلىرىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئېسىپ ساتىدۇ. كاۋاپچىلار گۆشتىن زىخ كاۋاپ، تاۋا كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ، ئاسما كاۋاپلارنى قىلىپ ساتىدۇ. گۆشگىردە، كۆمەچ، سامسا، مانتا قاتارلىقلارمۇ چار بازارغا كەلگەنلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەردۇر.

    دېھقانلار ئۈچۈن ھەپتىدە بىر كېلىدىغان بازار كۈنىدە ئازدۇر – كۆپتۇر گۆشلۈك غىزالارنى يېيىش بازار پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشكە ئامراقلىقى ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بوستانلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىكى دېھقانچىلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك چارۋا ماللار بار. چار بازارلاردا مەخسۇس چارۋا مال بازىرى بار. چارۋا ماللارنىڭ رەڭگى، ئورۇق – سېمىزلىكى ۋە تۇرقىغا قاراپ باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ، كۆپىنچە كۆتۈرۈپ ياكى چىشىغا قاراپ مۆلچەرلەپ باھا قويىلىدۇ.

    بازار كۈنلىرى مېۋە – چېۋە كوچا – رەستىلىرى ئالاھىدە ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. ھەر خىل مېۋىلەردىن تېتىپ بېقىش – يېيىش ۋە ئۆيلىرىگە ئالغاچ كېتىش بازارغا كەلگەنلەرنىڭ مۇھىم پائالىيىتىنىڭ بىرى. ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە مېۋە – چېۋە بازىرى بۆلەكچە ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا قىش پەسىللىرىدىمۇ يېڭى پېتى ساقلانغان ھەرخىل مېۋە – چېۋىلەرنى بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى مېۋە – چېۋىلەرگە ئالاھىدە تەم قوشقان، شۇڭا خەلقىمىز مېۋە – چېۋە يېيىشكە ئامراق. شۇنىڭغا ماس ھالدا باغۋەنچىلىكنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان.

    ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچە مېۋە – چېۋىلىرى ئۇيغۇر چار بازارلىرىغا ئالاھىدە رەڭ قوشقان. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تاماقنىڭ ئالدى – كەينىدە مېۋە يېيىشكە ئادەتلەنگەن. شىنجاڭدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس مېۋە – چېۋە ئالاھىدىلىكى بار. خوتەننىڭ ياڭىقى، قەشقەر ۋە پىيالما ئانىرى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى ۋە ياڭىقى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، غولجىنىڭ ئالمىسى، پەيزاۋاتنىڭ قوغۇنى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى ۋە باشقا ھەرخىل مېۋە – چېۋىلەر چار بازارلارنى ئالاھىدە ئاۋات قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەسەل، مۇراببا، گۈلقەنت، قېتىق، دوغاپ، ۋە ھۆل – قۇرۇق مېۋىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ يەرلىك ئۇسۇلدا تەييارلانغان ھەر خىل ئىچىملىكلەرمۇ ئەنئەنىۋى چار بازارلاردىكى يېمەك – ئىچمەكلەرگە ئالاھىدە ھۆسن قوشقان .

    ئەنئەنىۋى چار بازارلاردىكى ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە، ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىدىمۇ كۆپ خىللىق بار. ئوزۇقلىنىشقا روشەن ھۇزۇرلىنىش خاھىشى سىڭىشىپ كەتكەن. بازارلاردىكى يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىشلەنگەنلىرى ئاساس، پىششىقلاپ ئىشلەنگەنلىرى قوشۇمچە. قىسقىسى، ئەنئەنىۋى چار بازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەمگاھى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدۇر.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە