نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > مــۇڭ كـۈيــلــەر
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ مــۇڭ كـۈيــلــەر ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
سەپەردە ياخشى ھەمرا بولىدىغان، بىزگە تونۇش ئاشۇ مۇڭلۇق تۈركچە – ئەرەبچە تاللانغان كۈيلەر…

سەپەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللۈك بولۇشى ناتايىن، بىراق ياخشى ناخشىلار ھەمرا قىلىنغان سەپەرلەر تولىسى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى توردىن رەتلەنگەن 50 دانە تۈركچە-ئەرەپچە ناخشا توپلىمى بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى كۈيلەرگە كلاسسىك مۇڭ ناخشىلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان، تۈركچە ۋە ئەرەپچە ناخشىلار نى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالىغۇسى…

ھازىرغىچە 5,075 قېتىم كۆرۈلدى
تۈن كېچىدە يالغۇز تىڭشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تاللانغان 50 دانە مۇڭ مۇزىكا

مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم كېچىسى ئىشلىگەچ م ۇڭ مۇزىكىلار دىن ھوزۇرلىنىش، بۈگۈن بۇ يەردە، ئوخشاش ھەۋىسى بار دوستلار ئۈچۈن بۇ تاللانغان 50 دانە مۇڭ مۇزىكا توپلىمىنى تەقدىم قىلاي، ھەر بىر مۇزىكىدىن ئۆزگىچە رېتىم ، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، كېچىلىك خىزمىتىڭىزدە چوقۇم ياخشى ھەمرا بولالىغۇسى!

ھازىرغىچە 3,211 قېتىم كۆرۈلدى
كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدىغان، بىۋاستە نېرۋىغا سانجىلىدىغان ئېنگلىزچە مۇڭلۇق تاللانما ناخشىلار…

گەرچە ئېنگلىزچە ئۇقمىساقمۇ، تىڭشىغۇچ (耳机)تىن كەلگەن ئاشۇ نوتىلارنىڭ يېنىك تەۋرىنىشى ئاستىدا، يۈرىكىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەسلىمە پارچىلىرى ئويغىنىپ قالسا، سۇلغۇن مېلودىيەلەر نېرۋىمىزغا يېنىك سانجىلىپ بىزنى بىردەملىك بولسىمۇ بىھوش قىلسا ئەجەپ ئەمەس…

ھازىرغىچە 1,977 قېتىم كۆرۈلدى
ئۆزىمىزگە تەۋە ئاشۇ ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈشتە ياخشى ھەمرا بولىدىغان لېرىك مۇزىكىلار…

بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ بىر بۆلەك مۇزىكىلارمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دولقۇنسىمان تۇيغۇغا سالالايدۇ، چوقۇم ناخشا تېكىستى بولۇش شەرت ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاشۇ يېنىك ۋە ساپ مۇزىكىلا خۇشال ۋاقتىمىزدىكى ياكى ئازاپلىق مىنۇتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتالايدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندە مۇزىكا توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشىپ يۈرمەيلى، قۇلاققا تىڭشىغۇچنى سېلىپ، لېرىك ۋە لەرزان مۇزىكىلار دىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى! come …..

ھازىرغىچە 2,310 قېتىم كۆرۈلدى
تاللانغان ۋە خىللانغان 50 دانە فەچەت ناخشا!

كۆپچىلىك بىلەن ئولتۇرۇپ ناخشا تىڭشىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان لاتىنچە ناخشىلار نى ئېلىپ كەلدىم، بلوگ يازغاچ ئاڭلىساڭلار چوقۇم خوشياقىدۇ…

ھازىرغىچە 2,001 قېتىم كۆرۈلدى
36 دانە تاللانغان ئېنگلىزچە ناخشا – بىر قىسىم خەنچە ناخشىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بىر قانچە يۈرۈش ئېنگلىزچە تاللانما ناخشا توپلىمى تورداشلارنىڭ خېلى ياخشى ئىنكاسىغا ئېرىشىپتۇ، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ رەتلەنگەن يەنە بىر يۈرۈش نادىر چەتئەل ناخشىلىرىنى يوللاپ قوياي. ئېنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە لاتىنچە ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 1,074 قېتىم كۆرۈلدى
ئەسلەتمە – Windows نىڭ بارلىق نەشىرىنىڭ قوزغالما ئاۋاز ۋە كۆرۈنمە يۈزى

يەرشارىدىكى ئىشلەتكۈچىسى %90 تىن ئاشىدىغان Windows مەشغۇلات سېستىمىسى، ھازىر ئاللىقاچان ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئاشۇ 1.0 نەشىرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان windows 7 گىچە بولغان ئارىلىقتا، Windows نىڭ كۆرۈنمە يۈزى، قوزغالما سۈرەت ۋە مۇزىكىسىدا نۇرغۇن يېڭىلىنىشلار بولدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ …..

ھازىرغىچە 1,158 قېتىم كۆرۈلدى
گىتتار يوق؟ iPhone بولسىمۇ بولاۋېرىدۇ – ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم

بەلكىم تورداشلار ئىلگىرى توردا چەتئەللىك بىر نەچچە قىزنىڭ iPhone ۋە Andoid يانفونىنى ئىشلىتىپ ئورۇنلىغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بولسا iPhone دىكى بىر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال – مەۋھۇم گىتتار پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇپ، گىتتارنىڭ سولو قىسمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان، بىراق بۇ سىندا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چىراي قىسمى …..

ھازىرغىچە 2,218 قېتىم كۆرۈلدى
ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

مەيلى مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، ياكى Apple نىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل ئاۋاز ئۈنۈملىرى تولىمۇ ئۆزگىچە نەپس لايىھەلەنگەن ھەم كىشىنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدۇ. يېقىندا توردىكى بىر قىسىم ئىشى يوق بىكار قالغان خەقلەر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن بۇ پارچە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆزگىچە بىر خىل …..

ھازىرغىچە 1,265 قېتىم كۆرۈلدى
ئەسلىمە پارچىلىرى – مۇڭ ئارىلاشقان چەتئەل تاللانما ناخشىلىرى

بۇ بىر يۈرۈش تورداشلار ئۆزلىرى رەتلەپ چىققان مۇڭلۇق ناخشىلار بولۇپ، چەتئەلنىڭ بىر قىسىم نادىر كۈيلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ ئاڭلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، بەلكىم ئېنگلىز تىلىنى چۈشەنسىڭىز، ناخشا ئارىسىدىن يۈتتۈرۈپ قويغان ئەسلىمىلىرىڭىزنى تاپالىشىڭىز، كېچىدە نۇر چاقناۋاتقان ئورۇندىن تاراۋاتقان مۇزىكا ھىدلىرىنى پۇرىيالىشىڭىز مۇمكىن…

ھازىرغىچە 1,136 قېتىم كۆرۈلدى
50 دانە بىر ئاڭلاشقا ئەرزىيدىغان مۇڭلۇق ئېنگلىزچە ناخشىلارنى توردا ئاڭلاش

كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چارچىغىنىمىزدا مۇڭلۇق ناخشىلار نى قويۇپ قويۇپ ھوزۇرلىنىش مۇ كىشىگە بىر ئاز ئارامبەخش ئېتىدۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ قالغان بىر قىسىم ناخشىلارنى يوللاپ قوياي، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارغا ياراپ قېلىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 1,526 قېتىم كۆرۈلدى

无觅相关文章插件,快速提升流量