![]() ئاپتورى: روزى سوپى ئۇچتىكىن
دەريا ئانا
تاش ئاتماڭلار دەرياغا،
بالىلىرى يىغلايدۇ.
بارساق يازدا قوينىغا،
بېلىقلىرى قوغلايدۇ.
چۆچەك ئېيتىپ بەر دېسەك،
شاۋقۇنلىرى توختايدۇ.
كۈن بويى تارتىپ خورەك،
ئويغانمايدۇ ئۇخلايدۇ.
تاش ئاتماڭلار دەرياغا،
تاغ ئاتىمىز توۋلايدۇ.
تاش چۈشكەن يەر زېدە بولۇپ
دىلدا ھەسرەت ئوۋلايدۇ.
بالىلىقنى سېغىنىش
سەبىي چاغلار كەتكەندۇ نەگە؟
قۇشقاچلارغا ئەگىشىپ.
ھەر ئاخشىمى ئوينايتتۇق بىللە،
تېرەك بىلەن گەپلىشىپ.
قۇمدا يېتىپ چۆچەك ئاڭلايتتۇق،
كۆڭلەكچانلا سەگىشىپ،
ئۆز-ئۆزىمىزنى داڭلايتتۇق،
چۈجە خورازدەك تەگىشىپ.
ئويۇن ئويناپ كەچكىچە،
بىر قېتىممۇ باقمايتتۇق قېنىپ.
بىز ئۆيىمىزگە كەتكۈچە،
چىراغلارمۇ ئۆچەتتى يېنىپ.
بالىلىققا قايتايلى، دوستۇم
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنىپ.
ئېرىقلاردىن ئاتلايلى، دوستۇم
ئارقىمىزغا ئۈچ قەدەم يېنىپ.
ھېچنېمە تىلىمە
موما
مىڭ بىر كېچىدىن باشقا چۆچىكىڭ يوقمۇ؟
بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئەمچىكىڭ يوقمۇ؟
تەكلىماكان-سەلتەنەتلىك شەھەر دېدىڭ،
تەڭرىتاغدىكى قاردىن باشقا لېچىكىڭ يوقمۇ؟
بوۋا
چىن تۆمۈر باتۇرنى ماڭا سۆزلەپ بېرىمەن دېمە،
مەن كاپ-كاپ كۈچۈككە بەك ئۆچ.
كونا تۈگمەندىكى جىنلارنى باشلاپ كېلىمەن دېمە،
چوڭ بولسام كۇھىقاپقا ئۆزۈم بارىمەن،
چوڭ بولۇشۇمنى تىلە، ھېچنېمە تىلىمە...
تۈتۈن
بەللىرىنى تولغاپتۇ،
كۈن ئاسماننى بۇلغاپتۇ.
ئاپئاق-ئاپئاق بولۇتلار،
پاتقاق لايغا ئوخشاپتۇ.
قاتار-قاتار تۇرخۇنلار
قاغىلاردەك توختاپتۇ.
ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدە،
ئويغانماستىن ئۇخلاپتۇ.
چۈش كۆرۈپتۇ تەبىئەت،
»پەقەت بالىلار قوغداپتۇ«.
بۇنى كۆرۈپ چوڭلارنى
چاقماق چېقىپ قوغلاپتۇ.
|