بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى نامەلۇم دۇنيا

يوللانغان ۋاقتى:06-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ۇ ناھايىتى ياخشى مىسرالار. ئىنساننىڭ رومانتىك تۇيغۇلىرى دەل بالىلىق قاراشلىرىدىن باشلىنىدۇ.بۇ جەھەتتە بۇنى شېئىر نۇقتىسىدىن ماختاش

 بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى نامەلۇم دۇنيا

-جاسارەت جاپپارنىڭ بالىلار شېئرلىرى توغرىسىدا

بوغدا ئابدۇللا

 

بالىلار ئۈچۈن شېئىر يېزىش تولىمۇ تەس بىر ئىش، بۇنىڭغا جىق ئادەملەر كىرىشىپ باقىدىيۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۈزۈپ چىقىداغانلار ھەقىقەنمۇ ئاز بولىدۇ. بۇنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى بەكلا چوڭ. ئومۇمەن بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان شېئىرلار ئىككى خىل يول بىلەن يېزىلىدىكەن. بىرىنىچى خىلى، ئۆز خىيالىنى بالىلارچە شېئىرىي پىكىرگە ئايلاندۇرۇپ ئىپادىلەش. ئىككىنچىسى، بالىلارنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ساددا، غايىۋانە گەپ سۆزلىرى ئارقىلىق ئەسەر يارتىش، بۇ تولىمۇ تەس ۋە قېيىن بىر جەريان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق يېزىلغان شېئىرلار تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتە بالىلار شېئىرلىرىدىن باشقا بالىلار ناخشىلىرى يوق دېيەرلىك ھالدا. بۇنىڭغا تېكىست يازغۇچىلار ۋە مۇزىكا ئىشلەيدىغان كومپوزېتورلار ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. بالىلار ناخشىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلاردا بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان ، ئەينى ۋاقىتتا ئېيتىشالايدىغان ناخشىلار ئاز ئەمەس.بۇنىڭدا «چىك - چىك چۈجەلەرىم» نى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. بۇ ناخشا بىر زامانلاردا كەڭ ئومۇملىشىپ كەتتى. ئاپتور تۇخۇمدىن يېڭىدىن چىققان چۈجىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق بالىلارغا يارايدىغان بالىلارغا تونۇشلۇق بولغان بىر تېمىنى يورۇتۇپ بەردى. بىزدە تېخى مۇنداق نادىر بالىلار شېئىرلىرى مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئەمدى شائىر جاسارەت جاپپارنىڭ شېئىرلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ ئەجىر ئەمگەك قىلغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمازىكىسدىن قارىغاندا ھەقىقەتەن رەڭدار. «تەبىئەتنىڭ كۆزىدە » دېگەن شېئرى بىرخىل جانلىقلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە بىر بالا — تەبىئەتتىكى بىر قۇشقاچ، شىر - شىر ئاققان سۇ، بىر تال ئۇرۇق، بىر تامچە شەبنەم، بىر سەكلىن شامال. بۇ ھەقىقەتەن جايىدا ئىپادىلەنگەن ئوخشىتىش، بالىغا نىسبەتەنمۇ ئۇنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭغا كۆرۈنگەن شەيئىيلەرنىڭ ھەممىسى نامەلۇم نەرسىلەر. ئۇ چۈشىنىكسىز بىر دۇنيانى كۆرمەكتە ئىدى. چۈشەندىڭىزمۇ؟ بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ ھەقىقەتەن رىئال جەريان. ئۇ ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ، ھەممە نەرسىنى سورايدۇ، ھەممنى ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ يېتىلىشتىكى مۇقەررەر بىر جەريان. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ چۈشۈنىكسىز بىر گەەۋدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئاز - ئازدىن ئۆگىنىۋالغان ئۇقۇملارنى رەتسىز، تەرتىپسىز ئاڭسىز ھالدا ئىپادىلەيدۇ ھەم تەتبىقلىماقچى بولىدۇ. ئاپتور « بولسام يامغۇر تامچىسى» شېئىرىدا:


بولسام يامغۇر تامچىسى،
دەرەەخلىرگە قوناتتىم.
يۇپۇرماقنى قۇچاقلاپ،
ئۇخلاپ قالغان بولاتتىم.


بۇ ناھايىتى ياخشى مىسرالار. ئىنساننىڭ رومانتىك تۇيغۇلىرى دەل بالىلىق قاراشلىرىدىن باشلىنىدۇ.بۇ جەھەتتە بۇنى شېئىر نۇقتىسىدىن ماختاشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شائىر جاسارەت جاپپار « كېپىنەك قىز» ناملىق شېئىرىدا تەبىئەتتە ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان كېپىنەكنى بىر سەبىي قىزغا ئوخشىتىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىكنى گۈل ياپراقلىرىدىن تىكىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ يۈزىنى شەبنەم بىلەن يۇيىدۇ. كېپىنەك قىز گۈلدىن - گۈلگە ئۇچۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت مەدەنىيەت - سەنئەت جۇلاسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ يەنە بىر توپلامى «قار ئاۋازى» بىلەن يەنە مۇشۇنداق يارقىن ماۋزۇلارنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇنىڭدا «خانقىز» دېگەن بىر شېئىرى بار. مېنىڭچە بۇ شېئىرمۇ ياخشى يېزىلغان. «خانقىز» ئۆزى چىرايلىق بىر ھاشارەت، شائىر ئۇنى بالىلارنىڭ تەبىئەتنى بايقىشى، ئۆگۈنىشى نۇقتىسىدىن بىر تېما قىلىپ تاللاپ ئالغان. «خانقىز» شېئىردا ياپيېشىل گىياھلار ئىچىدە يايراپ يۈرىيدۇ. لېكىن دادىسى ئۇنى ئىزدەيدۇ، ئانىسى ئاش پىشۇرۇپ ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ مىسرالاردا تەبىئەت ۋە ئىنسان بىر گەۋدە سۈپىتىدە يۇغۇرۋېتىلگەن. يەنە «ئۇۋا ياسايمىز» شېئىرىدا قۇشلار ئۈچۈن ئۇۋا، ئادەملەر ئۈچۈن يۇرت نەقەدەر مۇھىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇۋا بولغاندا ھەتتا يۇلتۇزلارنى ساناپ ئۈلگەرگىلى، ئوينىغىلى بولىدىغانلىقىنى بالىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە ئەجىر ئەمگەك قىلىشنى ، مېھنەتنى سۆيۈشنى تەكىتلەيدۇ. جاسارەت جاپپار «باھار نەدە» دېگەن شېئىرىدا رىتورىك سوئال قويۇپ «باھار نەدە؟» دەيدۇ، ئۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزى بېرىپ «باھار دەرەختە» دەيدۇ. باھار ئانا يەرنى قۇچاقلايدۇ، بىخ سۈرىدۇ، گۈللەيدۇ.
شەرق كىلاسسىكلىرى شېئىرنى خىيالنى قوزغاتقۇچى، مەنىسى ئىقبال بەرگۈچى دەپ قارايدۇ. دانىشمەنلەر شېئىرغا بەزەن قاپىيەنى ئېتىبارغا ئالىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شېئىرىيەت شۇنچىلىك گۈزەل. شۇنچىلىك پەزىلەتكە باي. ۋە نىھايەت يۈكسەك بولىدۇ. شېئىر يەنە بىر جەھەتتى قارىغاندا، شېئىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شېئىر يېزىۋاتقانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈستىدە ئايرىم توختىلىشقا ئىمكان يوق. ئەمدى بالىلار شېئىرلىرى توغرىسىدا مۇشۇنداق بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىشقا توغرا كەلدى.
بالىلار شائىرلىرىنىڭ بالىلارغا نامەلۇم بولغان بۇ دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ئىزدىنىش، ئىزدىنىش، داۋاملىق ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز شائىر جاسارەت جاپپارنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۈمىدىدۇر!

2014- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى (دۈشەنبە)




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار