خاسىيەتنىڭ ئائىلىسى
يوللانغان ۋاقتى:18-01-2012
مەنبە: شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ساۋاقداشلىرىم مېنى «پىخسىق» دېيىشىدۇ. ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن، مەن بىر تىيىن پۇل، بىر ۋاراق قەغەزنىمۇ ئىسراپ قىلمايمەن.
(ھېكايە)
ئاپتورى: پەرھات كازىمى
ساۋاقداشلىرىم مېنى «پىخسىق» دېيىشىدۇ. ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن، مەن بىر تىيىن پۇل، بىر ۋاراق قەغەزنىمۇ ئىسراپ قىلمايمەن. ئۇنداق دېسەم، سىز بىزنىڭ ئائىلىنى تازا كۆك نامرات ئائىلە ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ. ئاتا— ئانام ئوقۇتقۇچى. ئۇلار ئىشىنىپ پۇل تاپالمىسىمۇ، بىز تۆت بالىنى گۈلدەك بېقىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، خاسىيەتنىڭ ئەھۋالى مېنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
خاسىيەت مېنىڭ ساۋاقدىشىم ۋە يېقىن دوستۇم. سىنىپىمىزدىكى قىزلار ئۇنى «دوستۇم» دېمەيدۇ. سەۋەبى، ئۇنىڭ ئائىلىسى بەكلا نامرات. ئۇنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆينىڭ سەل نېرىدا. ئۆيىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى چوڭ، بىراق ئۆي ۋە ھويلىسى بەكلا ئاددىي. ھويلا تېمىنىڭ ئاستى مېنىڭ بويۇمچىلىك سوقما تام، ئۈستىگە ئىككى قۇر كېسەك تىكلەپ تىزىلغان، سۇۋاقسىز، مايماق تام. قاتتىقراق بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان پاختەك چاڭگىسىدەك پاكار لەمپىسى، ئىككى پارچە كىگىز پاتقۇدەك سۇپىسى ئۇلارنىڭ يازدىكى جەننىتى. تاملىرىنىڭ يېرىقلىرىدىن توپا سىيرىلىپ تۇرىدىغان ئۈچ ئېغىز ئۆينىڭ بىرى قازناق، بىرى ئاشخانا، يەنە بىرى ھەم ياتاق ھەم مېھمانخانا. بۇ ئۇلارنىڭ قىشتىكى ئىللىق ماكانى. ئۆي ئىچىدە لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھېچ تايىنى يوق. دوستۇم خاسىيەت مۇشۇ ئۆيدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
خاسىيەتنىڭ دادىسى ئىسمايىل ئاكام يېشى ئەللىكنىڭ قارىسىنى ئالغان، چاچ— ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن، ئوتتۇرا بوي، ياپما قاپاق، غەمكىن يۈرىدىغان، ئەمما مۇئامىلىسى ئاجايىپ سىلىق— سىپايە ئادەم. ئۇ دائىم مەدىكارلىق قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنى ئىشلىتىۋىلىپ، پۇلىنى بەرمەيدۇ تېخى! بۇنداق چاغلاردا، ئۇمۇ لام— جىم دېمەي يېنىپ كېلىدىكەن. شۇڭا، مەھەللىدىكىلەر: « ئىسمايىل دېگەن چالا ساراڭ، بىر نەچچە ۋىنتىسى كەم ئادەم. ئىشلىگىنىگە پۇل بەرمىسەڭمۇ، ئىسسىق بىر قاچا ئاش ئورنىغا بىر ساپلىق سوڭغاق سۇ بەرسەڭمۇ <رەھمەت> دەپ، چاپىنىنى قولتۇقلاپ كېتىۋېرىدۇ…» دېيىشىدىكەن.
ئۇ يازدا كىملەردۇر بەرگەن جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن خۇرۇم ئاياغ، چوخەيلەرنى كىيىپ يۈرىدۇ. ئۆڭۈپ كەتكەن ئىشتىنى، ياقىلىرى تىتىلىپ كەتكەن چامچىسى (كۆڭلىكى)، كىرلىشىپ كەتكەن ئاق تور شاپاق دوپپىسى ئۇنى بىچارە كۆرسىتەتتى. قىشتا، ئۇ ھەربىيچە پاختىلىق چاپان، قۇلاقچا، تېرە ئىشتان، تەتۈر خۇرۇم ئاياغ كىيىپ يۈرەتتى. بۇلارنىمۇ ئۇنىڭغا باشقىلار ئۇنى ئىشلىتىۋلىپ، ئىش ھەققى ئورنىدا بەرگەن. بىزنىڭ مەھەللە شەھەر ئەتراپىدا بولغاچقا، ئىسمايىل ئاكامغا دائىم دېگۈدەك ئىش تېپىلىپ تۇراتتى. بىرەركىم كېچىدە كۆمۈر ئەكېلىپ قالسا، كۆمۈرخانىسىنى كۆرسىتىپ قويسىلا، ئىسمايىل ئاكا كۆمۈرنى كېچىچە توشۇپ جايلاشتۇرۇپ بولاتتى. ئىگىسى ھەققىگە نەچچە سېۋەت كۆمۈر بەرسە، ئۇ خۇشاللىقىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ قوياتتى. خاسىيەت دادىسىنىڭ ئىشچانلىقىدىن، پۇلغا ھەرقانچە موھتاج بولسىمۇ، تىلەپ تاپمايدىغان، خەقنىڭكىنى ئېلىۋالمايدىغان ھالا كىشى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى.
مەھەللىمىزدە پەقەت بىزنىڭ ئائىلىدىكى تۆت بالا ئۇنى «ئىسمايىل ئاكا» دەپ ئاتايتتۇق. ئاتا— ئاناممۇ ئۇنى سىزلەپ گەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، ئىسمايىل ئاكا بىزنىڭكىگە قەۋەتلا ئامراق. بىز كۆمۈر ئەكەلگەن چاغلاردا، چاقىرمىساقمۇ، ئۇ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ياردەملىشەتتى. ئېسىمنى تاپسام، كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىمنى خاسىيەتكە بېرەتتۇق. ئۇنىڭ بويى مېنىڭكىدىن خېلىلا پاكار ئىدى. مەكتەپ قىسلىق كۆكتات ئەكەلگەن چاغلاردا، ئاتا— ئانام سەۋزە ۋە ياڭيۇنى ئېھتىياجىمىزدىن جىقراق ئېلىپ. ئۇلارغا بېرەتتى. ھېيت— بايراملاردا ئاتا— ئانام بىرەر پۇت گۆش، بىر— ئىككى بولاق قەنت، بەش— ئون كوي پۇل بىلەن بىر لېگەن ساڭزىنى ئاكىلىرىمدىن ئۇلارنىڭكىگە كىرگۈزۈپ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە سۇ تۇربىسىمۇ يوق، سۇنى كۆپرەك بىزنىڭكىدىن توشۇپ ئىچەتتى.
بىر قېتىم، ئۇ بىزگە كۆمۈر توشۇپ بەردى. ئىش تۈگەپ، دادام ئۇنىڭغا ئىككى ھارۋا كۆمۈر بەردى. ئىسمايىل ئاكام دادامنىڭ چىرايىغا لاپپىدە قارىۋېتىپ: « رەھمەت، ئەپەندىم» دېدىيۇ، كۆزلىرىنى يەردىن ئالالمىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئاۋازى خىجىللىقتىنمۇ ياكى بىچارىلىكتىنمۇ، تولىمۇ مىسكىن ۋە تىترەپ چىقتى. قات— قات چامچا (كۆڭلەك) ئۈستىگە كىيىۋالغان، پېتى چۈشۈپ كەتكەن پوپايكىسىنىڭ ئۈستىگە چاپىنىنى كىيىپ، ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭغاندا، كۆزلىرىگە ياش كېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، سەل بېرىغا بېرىپ يېڭى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرۈتكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ھارۋىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەندە، مەن بىر چۆگۈنگە ئىسسىق سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي قۇلىغا سۇ بەردىم. ئۇنىڭ قاداق باسقان، قوناق نېنىدەك يېرىلىپ كەتكەن كەتكەن ئالقانلىرىغا سوپۇن سۈرسىمۇ، سىزىقچىلاردىكى كۆمۈرنىڭ قارىلىرى چىقاي دېمەيتتى. بىر تۇرۇپ مەندىن خىجىل بولسا كېرەك، مېنىڭ ئاۋارە بولۇشۇمنى خالىماي نەچچە رەت چۆگۈننى بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ ئۇنىمىدىم. ئۇ قولىنى ئاندا— مۇندا يۇيۇپلا بولدى قىلغۇسى باردەك ئالدىراپ يۇيۇشقا باشلىدى. ئىسمايىل ئاكام قۇلىنى يۇيۇپ بولدى. مەن ئۇزاتقان قاردەك ئاپئاق لۆڭگىنى ئالغىلى ئۇنىماي، مايلىشىپ، پارقىراپ كەتكەن ئىشتىنىڭ يانچۇقىدىن رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھەم پۈرلىشىپ كەتكەن لۆڭگىنى چىقىرىپ يۈز— كۆزىنى سۈرىتتى. ئۇ ئاپام ئەتكەن سۇيۇقئاشنى بىر چىنە ئېچىپلا، دادامنىڭ زورلىشىغا قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئاپام قازاندا قالغان ئاشنى كىچىك سېرىق كورىغا ئۇسۇپ، بىر ياغلىقىنى ئىككى قولىقىغا چىگىپ، مەندىن ئۇلارنىڭكىگە كىرگۈزدى.
مەن ئۇلارنىڭكىگە كىرگىنىمدە، خاسىيەت قۇرۇق ناننى غاجاپ، تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا يېرىم بولۇپ كەتتى.
خاسىيەتنىڭ ئاپىسى ھاۋاخان ئاپاممۇ ئىسمايىل ئاكامدەك ئىشچان، تېتىك، ئاق كۆڭۈل. كىچىكىدە بىر قېتىملىق ھادىسىدە يۈز— كۆزلىرى كۆيگەن، ھەر بىر قولىنىڭ ئىككىدىنلا بارمىقى قالغان، تولىمۇ كۆرۈمسىز، مېيىپ ئايال. دائىم كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا ئۇنىڭ چىرايى بىزگە غەلىتە، قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنمەيدۇ. مەھەللىمىزدىكىلەرنىڭ چوڭدىن كىچىكى ئۇنى «ھاۋا» دەپ چاقىرىدۇ. بىر قېتىم، مەنمۇ ئاپامغا: «ھاۋا ماڭا كەمپۈت بەردى» دېۋىدىم، ئاپام ئاغزىمغا بىر شاپىلاق سالدى. شۇ چاغدا مەن ئاپامنى « نېمىشقا ئۇ بەرگەن نەرسىنى ئالدىڭ، يىدىڭ؟» دەپ ئاچچىقلاندى، دەپ ئويلاپتىمەن، يەنە تېخى ئاغزىمدىكى كەمپۈتنى ئېلىپ باغچىغا ئېتىۋىتىپتىمەن. ئاپام غەزەپ بىلەن: « يەنە بىر دەپ باقە!» دېگەندىلا، ئاندىن ھەممىنى چۈشەندىم. ئەسلىدە، ئاپام ھاۋاخان ئاپامنىڭ ئىسىمىنى كەمسىتكەندەك، ھۆرمەتلىمەي ئاتىغانلىقىم ئۈچۈن خاپا بولغان ئىكەن.
مەن خاسىيەت بىلەن بىلە ئۆگىنىش قىلىدىغان بولغاچقا، ھاۋاخان ئاپامنىڭ ئىش قىلىشلىرىنى كۆزىتىپ باقتىم. كىر يۇغاندا بولسۇن، خېمىر يۇغۇرغاندا بولسۇن، ئۇنىڭ قوللىرى ئاجايىپ ماسلىشاتتى. بىر قېتىم، خاسىيەت بىلەن ئويناۋىتىپ چاپىنىمنىڭ چاپلىما يانچۇقى سۆكۈلۈپ كەتتى. ھاۋاخان ئاپام: «ئەكەل، ئاپاڭ ئىشتىن ھېرىپ كېلىپ، تاماق ئېتەمدۇ، سېنىڭ بۇ يانچۇقۇڭنى تىكەمدۇ…» دەپ يىپ— يىڭنىنى ئالدى. ھاۋاخان ئاپام يىپنى يىڭنىنىڭ كۆزىدىن شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزدىكى، كېيىن مەن دوراپمۇ قاملاشتۇرالمىدىم. يانچۇقۇمنى تىككەن چاغدا، ئۇنىڭ كىرپىكى يوق پولتىيىپ چىققان سىنچى كۆزلىرى، چېۋەر قوللىرى ئەسلىدىكى يىڭنە ئورنىنى شۇنداق تېزلىك بىلەن تېپىپۋالاتتى.
بىز باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىغا چىققان يىلى، بىر قېتىم ئاتا— ئانىلار يىغىنىغا ھاۋاخان ئاپام باردى. بەزى ساۋاقداشلىرىم تىلىنى چىقىرىپ زاڭلىق قىلىشتى. تېخى بىرمۇچە ئاياللار يىرگەنگەندەك ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈردى. ئاپام ئۇدۇل بېرىپ ھاۋاخان ئاپامنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. خاسىيەتمۇ ئاپىسىنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، بېشىنى ئاپىسىغا قويۇپ خۇشال ئولتۇراتتى.
خاسىيەتنىڭ ئاچىسى خالىدە ئاچام بۇغداي ئۆڭ، جىمغۇر تولىمۇ تارتىنچاق قىز. ئۇ بۇلتۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يېڭىشەھەر رايونىدا بالا باققۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇمۇ بولغاندىن بويان، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئىسمايىل ئاكامنىڭ تاپقان— تەرگىنىنى يەيدىغانغا خىراجەت قىلغاچقا زادىلا ئىشىنالمايتتى. خالىدە ئاچامنىڭ تاپقان پۇلى ئانچە— مۇنچە يۆلەك بولىدىغان چېغى، خاسىيەتمۇ بىز بىلەن بىلە بىر نەچچە موچەن خەجلەيدىغان بولدى. يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېڭى زەدىۋالمۇ تارتىۋالدى. خالىدە ئاچامنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسىمىغا بالىنىڭ ئانىسى كونا ئائىلە سايمانلىرىنى بەرگەن ئىكەن.بولار كونا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە خېلىلا ئىسكەت كىرگۈزۈپ قويدى. قاچانلا كىرسەم، كونا ئۈستەل بىلەن كىيىم ئىشكاپى پارقىراپ تۇراتتى. لېنتا سالىدىغان قاپقىقى يوق ئۈنئالغۇسىغۇ بۇ ئۆيگە زامانىۋى تۈس بەرگەن ئىدى.خالىدە ئاچام ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيىگە كېلەتتى. ھەر قېتىم كەلگەندە، خاسىيەتكە ھېچ بولمىغاندا بىر تال ئۆچۈرگۈچ ياكى بىرەر— يېرىم بېتىگە خەت يېزىلغان كونا خاتىرە دەپتەر ئالغاچ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئاچا— سىڭىللىق مۇھەببىتى مېنى تەسىرلەندۈرەتتى. بەزىدە ئۈچ ئاكامنىڭ بىرى بولسىمۇ ئاچام بولۇپ قالسىچۇ، دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.
خاسىيەت ئىككىمىز تولۇقسىز 2— يىللىققا چىقتۇق. ئۇ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭغا ئوقۇيدىغان كىتابلارنى مەن بېرىپ تۇراتتىم. ئۆيىمىزدە بالىلار ئوقۇشلۇقى خېلى كۆپ ئىدى. خاسىيەت بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىقتى. ئۇ مېنىڭ ماقالىنى ياخشى يازىدىغانلىقىمغا قىزىقاتتى.
ئېسىمنى بىلسەم، خاسىيەت يېڭى كىيىم كىيىپ باقمىدى. ئەمما ئۇ كونا كىيىملەرنىمۇ بەك پاكىز كىيەتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى يەنە چوڭ بىر مەسىلە— سۇ مەسىلىسى. ئۇلار تا ھازىرغىچە ئۆيىگە سۇ تۇرۇبا سۈيى چۈشۈرەلمىدى. ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىسمايىل ئاكامنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ بىرمۇنچە قەرز بولۇپ قالدى. خالىدە ئاچامنىڭ ئايدا ئالىدىغان يۈز يۈەن پۇلى نېمىگە دال بول بولاتتى، ئۇن، ماينىڭ ئېپىنى قىلىدىغان ئادەم كىچىك بالىدەك ئورنىدا ياتسا!
قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى خاسىيەتنى ئىزدەپ كىرسەم، ھاۋاخان ئاپام قار ئېرىتىۋىتىپتۇ. بىزنىڭ بۇ يۇرتتا قار دېگەن يىلدا بىرەر قېتىم ياغسا ياغدى، ياغمىسا يوق. بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىزنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىغان ئىكەندە. كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا يېنىپ چىقتىم—دە، دادامغا:
—دادا، يازدا خاسىيەتلەرگە تۇرۇبا سۈيى چۈشۈپ بېرەيلىچۇ! قارا، خاسىيەت شۇنچە چوڭ ئىككى چېلەكنى ئاران كۆتۈرۈپ ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. نېمە دېگەن تەس كۈن ئۇلارغا! ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇ ئېلىش ئۈچۈن كۈندە بىزنىڭكىگە كىرىشتىن خىجىل بولىدىكەن. بۈگۈن ھاۋاخان ئاپام قار…دەپ يىغلاپ كەتتىم.
—بولدى، قىزىم يىغلىما، مەنمۇ شۇنى ئويلاۋاتىمەن. قېنى ، ياز بولۇپ باقسۇن.
—رەپقەت ئاكاڭنىڭ ئوقۇشى پۈتمەي تۇرۇپ، رۇستەم ئاكاڭ ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغاندەك تۇرىدۇ. قولىمىز قىسقا بولۇپ قالىدۇ، بولمىسا، خاسىيەتنى ساڭ جۈپلەپ ئىككى قىزىم بار دەپ باقاتتىم،— دېدى ئاپاممۇ ئۇھسىنىپ.
قىشلىق تەتىل تۈگەپ ئىككىنچى مەۋسۇم باشلاندى. خاسىيەت مەكتەپكە بارمىدى. چۈشتە ئۆيىگە كىرسەم، ئۇمۇ بالا باققۇچىلىق قىلماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ماڭا دېمىگەنلىكىدىن رەنجىدىم. بىز دېگەن يېقىن دوستلاردىن تۇرساق… ئىسمايىل ئاكامنىڭ پۇتىنىڭ ئىشى بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇشى توختاپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ ھېلىمۇ ئاپام ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى، دەپتەر— قەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتىدىغۇ. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، چېقىپ كېتەي دەپ تۇرسام، ئاپام كىرىپ كەلدى. سالام— سائەتتىن كېيىن:
—خاسىيەتنىڭ ئوقۇش ئىشى ئوڭشالدى. پوچتا— تېلېگراف ئىدارىسىدىكى بەش ئىتتىپاق ئەزاسى بىرلىشىپ خاسىيەتكە ئايدا ئەللىك يۈەن تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدىغان بولدى!—دېدى.
ھاۋاخان ئاپام بىلىنەر— بىلىنمەس كۈلدى. ئىسمايىل ئاكامنىڭ ئىككى مەڭزىدىن ئىككى تامچە پەيدا بولدى. خاسىيەت بوينۇمدىن چىڭ قوچاقلىۋالدى…
ئەسلىدە ئاپام ئۇنىڭ ئوقۇش ئىشىنى يوقرى تۆۋەن مېڭىپ يۈرگەن ئىكەن.ئاپامغا بولغان ھۆرمىتىممۇ نەچچە ھەسسە ئاشتى.
خەپ، چوڭ بولسام، ياخشى ئادەم، ئىقتىسادچىل ئادەم بولۇپ، پوچتا— تېلېگراف ئىدارىسىدىكى ئاكا— ھەدىلەردەك مېھرى— شەپقەتلىك بولمىسام.
2000—يىلى 12— ئاي ( پىچان)
«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى » گېزىتى 2001— يىلى 7—8 ئايلىق يىغىندا سان.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------