2010-04-01
تۈركچە ئۆگىنەيلى -4 - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61373850.html
3.
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى
مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەكىلى
ئۈچىنجى شەخىس
بىرلىك
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچىنجى شەخىس بىر لىك شەكىلى بولسا ئىسىم
، سۈپەت ، ئالماشلارغا قاتتىق ئوقۇلمايدىغان dır نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ .
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۆزگىرىدۇ ،
:-dır,-dir,-dur,-dür;
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ، يەنە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۆزگىرىدۇ ،
:-tır,-tir,-tur,-tür。
:-dır,-dir,-dur,-dür; ، :-tır,-tir,-tur,-tür。 بۇ پېئىللىق سۆزلەر ئىنگىلىزتىلدىكى be سۆزى ۋە ئۇيغۇر تىلدىكى ئىدى ، بولسا ،بولدى دىگەن سۆزلەر بىلەن تەڭداشتۇر .
پېئىللىق سۆز بىلەن پېئىل ھاسىل قىلغان ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بوغۇمىدىكى
سوزۇق تاۋۇشنىڭ ماشلىشى تۆۋەندىكىچە :
1 . پېئىل ھاسىل قىلىدىغان سۆز ( ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش ) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش a,ı بولسا ، ı سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكىل:-dır ، :-tır قوشۇلىدۇ .
2. پېئىل ھاسىل قىلىدىغان سۆز ( ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش ) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش e,i بولسا ، i سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكىلdir,-tir قوشۇلىدۇ .
3. پېئىل ھاسىل قىلىدىغان سۆز ( ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش ) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش o,u بولسا ، u سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكىل ,-dur ، -tur قوشۇلىدۇ .
4. پېئىل ھاسىل قىلىدىغان سۆز ( ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش ) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش ö ، ü بولسا ، ü سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكىل dür,-tür
قوشۇلىدۇ .
1- پېئىل ھاسىل قىلىدىغان ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ، :-dır,-dir,-dur,-dür قوشۇلىدۇ .
2- پېئىل ھاسىل قىلىدىغان ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلە ن ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا :-tır,-tir,-tur,-tür قوشۇلىدۇ .
مەسلەن :
kapı-----O kapıdır. ئۇ ئىشىك .
bala ---- Bu baladır بۇ ئوق .
müdür ------ Şu kiş müdürdür ئۇ مۇدىر .
Türk ---- Ali Türktür ئەلى تۈرك .
Mehmet ------ Adım Mehmet`tir ئىسىمىم مەھمەت
vazo---------Bu vazodur بۇ تەشتەك .
كۆپلۈك
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچىنجى شەخىسكۆپلۈك شەكىلى بولسا بىرلىك شەكىلدىكى ئىسىم
، سۈپەت ، ئالماشلارغا lar , ler نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن :
بىرلىك شەكىلى dir , tir , tür،dür بىلەن ئاياقلاشقان بولسا ، ler نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ .
بىرلىك شەكىلى dır، tır ، dur،tur بىلەن ئاياقلاشقان بولسا ، lar نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ .
مەسلەن :
bunlar kapıdırlar.
بۇلار ئىشىكلەر
bunlar baladırlar .
بۇلار ئوقلار
onlar Türktürler .
ئۇلار تۈركلەر .
Bunlar vazodurlar
بۇلار تەشتەكلەر .
onlar hastadirler .
ئۇلار كىسەللەر .
4.
.لار ، لەرنىڭ ئىشلىتىشى ئايرىم يېزىلىدۇ
سۆزلۈكلەر
kapı ئىشىك
bala ئوق
müdür مۇدىر ، لىدىر
adam ئادەم ، كىشى ، ئىنسان
kardeş ئۇرۇق تۇققان ، قېرىنداش
vazo تەشتەك
随机文章:
收藏到:Del.icio.us