2010-04-01
سۇئال شەكىلى ( سۇئال جۈملە - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61383519.html
http://www.56.com/u93/v_MzY4NDIwNzQ.html
5.
تۈركچە ئۆگىنەيلى .6
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلى
مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەكىلى
سۇئال شەكىلى ( سۇئال جۈملە )
ھازىرقى زامان ئىسىملىق پېئىلىنىڭ سۇئال شەكىلى بولسا ئىسىم ، سۈپەت ، ئالماشلارغا “mı”( قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ، سۇئال سۆزىنىڭ تۆت خىل شەكىلى بار ،
ئۇلار mı,mi,mu,mü
سۇئال سۆزىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن سۇئال سورالماقچى بولغان سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ماسلىشىشى تۆۋەندىكىچە :
سۇئال سورالماقچى بولغان سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش a, ، ı بولسا ، سۇئال سۆزىنىڭ mı
شەكىلى قوشۇلىدۇ .
سۇئال سورالماقچى بولغان سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش e,i بولسا ، سۇئال سۆزىنىڭ mi
شەكىلى قوشۇلىدۇ .
سۇئال سورالماقچى بولغان سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش o,u بولسا ، سۇئال سۆزىنىڭ mu
شەكىلى قوشۇلىدۇ .
سۇئال سورالماقچى بولغان سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش ö ، ü بولسا ، سۇئال سۆزىنىڭ mü شەكىلى قوشۇلىدۇ .
بىرلىك :
Ben hasta mıyım? مەن ئاغرىقمۇ ؟
sen Öğrenci misen? سىز ئوقۇغۇچىمۇ ؟
O öğretmen midir? ئۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ؟
كۆپلۈك :
Biz hasta mıyız بىز ئاغرىقمۇ؟
siz Öğrenci miseniz? سىلەر ئوقۇغۇچىمۇ ؟
Onlar öğretmen midirlar ئۇلار ئوقۇتقۇچىمۇ ؟
سۇئال جۈملىدە “Evet)”ياكى“Hayı دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. (ئۇيغۇر تىلدىكى ياق ، ئۇنداق ئەمەس ؛ ھەئە ، شۇنداق دىگەن سۆزلەر بىلەن تەڭداش )
Hayı , Ben hasta değilim. ياق ، مەن ئاغرىق ئەمەس .
Evet ,onlar öğretmendirler. ھەئە ، ئۇلار ئوقۇقۇچىلار .
随机文章:
收藏到:Del.icio.us