2010-04-02
تۈركچە ئۆگىنەيلى -2. - [تۈركچە ئۆگىنەيلى ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61325831.html
http://www.56.com/u70/v_NDM4NTM2Mjc.html
2 - تۈركچە ئۆگىنەيلى
dilbilgisi گىرامماتىكا
تۇركچە ئېلىپە
تۇركچىدە 29 ھەرپ بار ، ئەمدى بىز ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلىشى ۋە يېزىلىشىنى كۆرەيلى .
تۈرك تىلى ئېلىپبەسى ALFABE
ھەرپلەر ئوقۇلۇشى سېلىشتۇرما
a A a ئا
be B b ب
ce C c ج
çe Ç ç چ
de D d د
e E e ئە
fe F f ف
ge G g گ
yumuşak g Ğ ğ غ
he H h ھ
i İ i ئى
ı Iı ئې
je J j ژ
ke K k ك
le L l ل
me M m م
ne N n ن
o Oo ئو
ö Ö ö ئۆ
pe P p پ
re R r ر
se S s س
Ş şe Şş ش
te T t ت
u U u ئۇ
ü Üü ئۈ
ve V v ۋ
ye Y y ي
ze Z z ز
تۇركچىدە 29 ھەرپ ، 8 سوزۇق تاۋۇش ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپ بار .
( ünlü ve ünsüz harfler) ،
سوزۇق تاۋۇشلار ünlüler
a e ı i o ö u ü
ünsüzler ئۈزۈك تاۋۇشلار
b c ç d f g ğ h j k l m n p r s Ş t v y z
1. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
سوزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلغاندىكى تىلنىڭ ئورنى ۋە شەكىلىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك بۆلۈنگەن.
1.تەلەپپۇز قىلغاندا، ھەركەت قىلغان ۋاقىتتىكى تىلنىڭ ئالدى كەينىگە ئورنىغا ئاساسەن :
1. تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ü ، ö ، i ،e
2. تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش a , ı , o , u
تىلنىڭ كۆتىرىلىش تۆۋەنلىشىگە قاراپ :
1.تىل ئۈستى سوزۇق تاۋۇش ı ,i,u,ü
2. تىل ئاستى سوزۇق تاۋۇش a ,e , o , ö
2. تەلەپپۇز قىلغاندا ، ھەركەت قىلغان ۋاقىتتىكى تىلنىڭ ئېچىلىش ھالىتىگە ئاساسەن :
لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش o ö u ü
لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش a e ı i
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
سۆزلەرگە دۇر ، تۇر ، لار ،لەر ،لىق ، لۈك ....مۇشۇنداق ئۇلانمىلار قوشۇلغان ۋاقىتتا سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئاساس قىلىنىپ ماسلىشىدۇ ،
سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا ، چوقۇم تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئەگىشىپ قوشۇلىدۇ .
سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا ، چوقۇم تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ئەگىشىپ قوشۇلىدۇ .
مەسلەن :
baba +lar دادا +لار ، ana+sı ئانا +سى
kız + ı قىز +ى ، ev+ler ئۆي + لەر
ev+ler+i ، ئۆي + لەر + ى ،
سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بولسا ، چوقۇم لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ئەگىشىپ قوشۇلىدۇ .
تۈرك تىلدا u ü لارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بار ، o ö لارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى يوق .
مەسلەن :
ot+u ئوت (بىرلىك ) ، ot+lar ئوتلار (كۆپلۈك )
kuş+u قۇش ، kuş+lar قۇشلار
göl+ü كۆل ، göl+ler كۆللەر
tütüm+ü تۈتۈن ، ئىس تۈتەك ، tütüm+ler ، تۈتۈنلەر ،ئىس -تۈتەكلەر
ئەگىشىپ قوشۇلىدۇ
2. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى
l , m , n , r لار جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ، قالدى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلاردۇر . ئۈزۈك تاۋۇشلار ئاساسەن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزگە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ئۇلانما ئەگىشىپ ئۇلىنىدۇ ، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشقان سۆزگە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ئۇلانما ئەگىشىپ ئۇلىنىدۇ. 1. ئەكىس ماسلىشىش تۈرك تىلدا سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار ئارىسىدا ئەكىس ماسلىشىش ئەھۋالى بار . سوزۇق تاۋۇش : مەسلەن : ben+a مەن + ىڭ sen+a سەن + ىا bu _____böyle بۇ ___بۇنداق Şu_____Şöyle شۇ ___شۇنداق o_____öyle ئۇ____ئۇنداق 2. ئۈزۈك تاۋۇش : ئەرەب تىل ۋە پارىس تىلىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئۈزۈك تاۋۇش b نىڭ ئالدىدا n كەلگەندە ، m غا ئۆزگىرىپ ماسلىشىدۇ . مەسلەن : Çarşamba چارشەنبە ؛ بۇ سۆز ئەسلىسى Çarşanba dolambaÇ مۆكۈشمەك ؛ بۇ سۆز ئەسلىسى saklanbac membe مەنبە ؛ بۇ سۆز ئەسلىسى menbe 3. ئەرەب تىلنىڭ تەسىر تۈپەيلى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى قىسمەن بۇزۇلۇپ كەتكەن . ئەرەب تىلدىكى سۆزلەردە l , t تەلەپپۇز قىلغاندا ، يېنىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇزىغا تەسىر كۆرسەتكەن . saat يۇقارقى ئەرەب تىلدىكى سۆزلەردىن كىيىن تۈرك تىلدىكى ئۇلانمىلار ئەگىشىپ ئۇلىنىپ كەلگەندە تۋەندىكىدەك ئۆزگەرگەن : saat + imiz سائىتىمىز ؛ ئەسلىسى تۈرك تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە بولغاندا saat + ımız ، sual + imiz سۇئالىمىز ؛ ئەسلىسى تۈرك تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە بولغاندا sual + ımız ، istiklal + imiz ئىستىقلالىمىز ؛ ئەسلىسى تۈرك تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە بولغاندا istiklal +ımız ، 4. تۈرك تىلدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئۇلىنىپ كىلىپ باشلىنىغان سۆزلەر يوقتۇر ، سىرتتىن كىرگەن ئىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئىپادىلىگەندە ، سۆز بېشىغا بىر سوزۇق تاۋۇش قوشۇپ ئىپادىلىنىدۇ . 1. تۈرك تىلدا ğ , l , r تاۋۇشلىرى بىلەن باشلىنىدىغان سۆزنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ . 2. تۈرك تىلدا g , m , n , p , z تاۋۇشلىرى باشلىنىدىغان سۆز ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ . مەسلەن : 1. istasyon ؛ فىرانسۇزتىلىدىكى station دىن كەلگەن . istatistik ؛ فىرانسۇزتىلدىكى statistigne دىن كەلگەن . istim ؛ ئىنگىلىزتىلدىكى steam دىن كەلگەن . ispirirts ؛ ئىتالىيان تىلدىكى spirits دىن كەلگەن . 2. inar ؛ ئەرەب تىلدىكى nar دىن كەلگەن . urum ؛ ئەرەب تىلدىكى rum دىن كەلگەن . 5. ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئۇلىنىپ كىلىپ ئاياقلىشىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئىپادىلىگەندە ، ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ، بىر سوزۇق تاۋۇش قوشۇپ كىرگۈزۈلىدۇ ، سوزۇق تاۋۇش تۈرك تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيتى بويىچە قوشۇلىدۇ . مەسلەن : akıl ؛ ئەرەب تىلدىكى akl دىن كەلگەن . emir ؛ ئەرەب تىلدىكى emr دىن كەلگەن . nutuk ؛ ئەرەب تىلدىكى nutk دىن كەلگەن . şehir ؛ پارس تىلدىكى şehr دىن كەلگەن . بىر بوغۇمدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش كەلگەندە ، ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش چوقۇم جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش l , m , n , r ياكى s بولىدۇ . مەسلەن : alt ، dört ، üst ، ant ، semt ...................
sual
istiklal
历史上的今天:
随机文章:
收藏到:Del.icio.us