باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ئۇچۇر مىنىستىرى يانفون سۆزلىشىش ھەققىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈش مومكىنچىلىكى بار دىدى. - [ITخەۋەرلىرى]

    2009-03-06

    شىنخۇا تورى5-مارت تىلىگراممىسى:سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لى يۈەنجۇڭنىڭ5-مارت بىلدۈرىشىچە،مەزكور مىنىستىرلىك كەسىپلەرنى تەڭشەپ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەپسىلىي چارىلېرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇلۇپ،ئاساسىي نوقتىنى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ چۈشۈۋاتقان ۋەزىيىتىنى بۇراشقا قارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مۇخبىر ئۇنىڭدىن كىچىك زېرەكنىڭ چاستوتا دائىرىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىشى توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:ئالاقە ئىشلېرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىز پىلانلىق ۋە باسقۇچلۇق ھالدا چاستوتا دائىرىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى باشلىدۇق،بىز بۇ جەرياندا چوقۇم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىمىز،ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلېرىنى ئاڭلايمىز.

    مۇخبىر ئۇنىڭدىن يەنە يانفوننىڭ سۆزلىشىش ھەققى توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا،ئۇ:يېقىنقى2يىل ئىچىدە يانفون سۆزلىشىش ھەققى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ،ھازىرقى رىقابەتنىڭ تەسىرىدە،يەنىمۇ چۈشۈش  ئىمكانىيىتى بار دەپ جاۋاپ بەردى.


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • بەك ياخشى خەۋەرغۇ بۇ، راستىنلا چۈشىدىغان ئىش بولسا تىلىفوننىڭ توكى تۇمايدىغانلا بولىدىكەندە، ياكى بولمىسا تىلىفونىمىز ھەر قاچان سىم يولى ئالدىراش بولىدۇدە.
      شەپقەت بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ.
      ھە راست، ئىلانلارنى بىر قۇر دەسسىۋەتتىم جۇما~~`
      ئىدىقۇت بلوگى回复xaphat2007说:
      رەھمەت سىزگە!مەنمۇ سىزنىڭ ئېلانلىرىڭىزنى دەسسەپ چىقتىم.
      2009-04-16 18:46:41
    • ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىۋالغۇچە ئۆسۈپ كەتمەي، چۈشۈپلا بەرسە بولدى. [defFace:10]
      ئىدىقۇت بلوگى回复م.ئە.سەبورى说:
      سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ داۋاملىق چۈشسە تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.
      2009-03-09 11:21:51
    • بلوگىم يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلەتتى ،بلوگداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
      ئىدىقۇت بلوگى回复دولقۇن731说:
      بىلوگىڭىز بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ.
      2009-03-09 11:20:57
    • ئەگەر شۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتكۈدەك.............
      ئىدىقۇت بلوگى回复Azghun说:
      شۇنى دىمەمسىز،بەك ياخشى بوپ كېتەتتى،ئەمما بۇنىڭغا تىلىگراف شىركەتلېرى نىمە دەيدىكىن؟
      2009-03-09 11:19:52