-
تاۋباۋ"بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مال يەتكۈزۈش"مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. - [ITخەۋەرلىرى] 2009-03-02
ۋاڭيى تورى2-مارت تىلىگراممىسى:تاۋباۋ تورىنىڭ ۋاڭيى تورىغا ئاشكارىلىشىچە تاۋ باۋ تورى بۇ ئايدا "بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مال يەتكۈزۈش"مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيىدىغان بۇلۇپ،ئەگەر مالنىڭ خېرىدارنىڭ قۇلىغا تېگىش ۋاقتى ۋەدە قىلغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە،خېرىدارغا مال يەتكۈزۈش ھەققى قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
تونۇشتۇرىلىشىچە تاۋباۋ تورى بىلەن ھەمكارلاشقان مال يەتكۈزۈش شىركەتلېرى ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مال يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنى تاللايدىكەن،تاللاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەڭ قىسقا بولغاندا بىر نەچچە سائەت،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا3كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن،ئەگەر مال سېتىۋالغۇچى مالنى تاپشۇرىۋالغان ۋاقىت ۋەدە قىلغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە،مال يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق مال يەتكۈزۈش ھەققىنى ئېلىشىغا بولمايدىكەن،تاۋ باۋ تورى تېز يەتكۈزۈش شىركەتلېرى تاپشۇرغان كاپالەت پۇلىدىن ئېلىپ خېرىدارلارغا تۆلەپ بېرىدىكەن.نۆۋەتتە بۇ مۇلازىمەت خاڭجۇدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،بۇ ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە يولغا قۇيىدىكەن.
ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە 2008-يىلى11-ئايغا قەدەر تاۋباۋنىڭ كۈندىلىك مال زاكاس سانى2مىليونغا يەتكەن بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي بۇيۇملارنىڭ زاكاس سانى1مىليون500مىڭنى ئىگىلەيدىكەن.2009-يىلى1-ئايداIDCنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا2008-يىلى تاۋباۋنىڭ جۇڭگونىڭ مال توشۇش كەسپىگە ئېلىپ كەلگەن كىرىمى3مىليارد66مىليون يۈەنگە يېتىپ،جۇڭگو مال يەتكۈزۈش بازىرىنىڭ%30تىنى ئىگىلىگەن.مەزكور ئورگاننىڭ مۆلچەرىچە 4يىلدىن كىيىن جۇڭگو مال يەتكۈزۈش بازىرىنىڭ3تىن2قىسىمى تاۋباۋ تورىدىن كېلىدىكەن.
收藏到:Del.icio.us
评论
بۇرۇن مەن نەرسە كېرەك سېتىۋالسامems نى تاللاپ قويساممۇ شىنجاڭغا ئەڭ تېز بولغاندە 5 كۈندە ئاران كىلەتتى
ئەمدى سېتىۋالغان ماللارنى تېزلا قولىمىزغا ئالالايدىغان بوپتىمىزدە
مەن ئالدىنقى ھەپتە بىر DVDسېتىۋالغان ئىدىم،جۈمە كۈنى سېتىۋالسام دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن قۇلۇمغا تەگدى ھەيران قالدىم.تاللىغىنىمEMSئىدى.
سودىگەر فۇجىيەننىڭ شامىن شەھىرىدە ئىكەندۇق.
مۇشۇ تاۋباۋدىكى ماللارنى سېتىۋالسا ئىشەنچلىكمىدۇ؟ سىز بۇلاردىن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ باققانمۇ؟ تەجرىبىڭىز بولسا بىزگىمۇ دەپ بېرەسىز.