باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • گوگۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى - [رەسىملەر]

    2009-01-21

     ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئەلباشى ، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئوباما 20 - يانۋار ئامېرىكا پارلامنت سارىيىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى مۇنبەردە قەسەم بىرىپ ئامېرىكىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك ئەلباشى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى .

    رەسىمدىكى بولسا گوگۇل شىركىتىنىڭ GeoEye-1ناملىق سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى بۇلۇپ سول تەرەپتىكى كىچىك چېكىتلەر مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار،ئوڭ تەرەپتىكى ئىمارەت بولسا پارلامىت بىناسى.


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]ئېلانڭىزنى تۇلۇق چىكىپ قويدۇم ....
      ئىدىقۇت بلوگى回复سەرخىل说:
      رەھمەت سىزگە!
      2009-02-04 14:54:59
    • [avatar:30]نەچچە مىليون ئادەم قاتناشقان بۇ كاتتا مۇراسىمدا ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنىمۇ بولسا ئاڭلىغان بولساق...
      ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتىقى نەدە بار؟
      ئىدىقۇت بلوگى回复buhara说:
      ھازىر بۇ نۇتۇق ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ بولدى.
      تۇلۇق مەزمونىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرىۋېلىڭ:
      http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54618.html
      2009-01-22 15:54:29
    • [avatar:30]ئەگەر رەسىمگە چۈشەندۈرۈش بەرمىسىڭىز، ئىمارەتنىڭ رەتلىكلىكى ۋە ئادەملەرنىڭ قىم - قىملىقىدىن بۇنى ھەرخىل نەرسىلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن ئىكەن.
      ئىدىقۇت بلوگى回复ئۇلانمىلار说:
      مەنمۇ تۈنجى كۆرگەندە سىزدەك ئويلاپ قالغان.
      2009-01-22 12:04:08
    • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ سۇرەتلارنى سىز توردىن تاپتىڭىزمۇ ياكى google earthئارقىلىق كۆردىڭىزمۇ؟google earthنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سىتىۋالساق مۇشۇنداق ئىنىقلىقتىكى سۈرەتلەرنى كۆرگىلى بولارمۇ؟
      ئىدىقۇت بلوگى回复تۇغچى说:
      بۇنى شىنخۇا تورىغا چىقىرىپ قويۇپتىكەن،شۇ يەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم.
      مېنىڭچەgoogle earthنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز،خېلى يۇقۇرى ئىنىقلىقتا كۆرگىلى بۇلىدۇ،ئەمما يەنىلا يۇقۇرىقى رەسىمدىكىدەك چىقماسمىكىن.
      2009-01-22 11:57:53
    • [avatar:30]مۇشۇ رەسىمدىكى ئادەملەرنى چۈمۈلىگە ئوخشاتساق ئارتۇق كەتمۈگىدەك. دىمىسىمۇ ئادەم دىگەن دۇنياغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ كىچىك ، بەكمۇ ئاخىز مەخلۇقتۇر. شۇڭا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، ئاسمانغا تېپىشلىرىنى كۆرسەم "توۋۋا" دىيەلمەي تۇرالمايمەن.
      ئىدىقۇت بلوگى回复dunyakara说:
      توغرا دىدىڭىز،ھازىرقى جەمىيەتنىڭ تەسىرىدىنمىكىن بۇنداق ئىش ھازىر تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ.
      2009-01-22 12:01:17