باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • 2008-يىلىدىكى10چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاش. - [خەلقئارا خەۋەرلەر]

    2009-01-08

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلېرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامرىكا"ئارخىلوگىيە"ژۇرنىلى 2008-يىلىدىكى 10چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاشنى باھالاپ چىققان بۇلۇپ،قەدىمقى مايالىقلار كۆك بويىقىنىڭ سىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە قەدىمقى پورتىگالىدىكى كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى قاتارلىق بايقاشلار 10چوڭ بايقاش قاتارىغا كىرگەن.ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار بۇ قاتارغا كىرەلمەي قالغان.مەسىلەن:بەزى بايقىغۇچىلار ئۆزىنىڭ بايقىشىنىڭ سىرتقا ئاشكارلىنىپ كېتىشىنى خالىمىغان بولسا كېرەك.
    تۆۋەندە 2008-يىللىق 10چوڭ ئارخىلوگىيىلىك بايقاش:


    1.مايالىقلارنىڭ كۆك رەڭلىك بويىقىنىڭ سىرىنىڭ ئېچىلىشى

    ئالىملار مايالىقلارنىڭ نەزىر-چىراغ ۋە باشقا مۇراسىملاردا ئىشلىتىدىغان مۇقەددەس كۆك رەڭلىك بويىقىغا نىسبەتەن ئانالىز ئېلىپ باردى ۋە ئاخىرىدا بۇ خىل بوياقنىڭ ئىندىگو كۆكى(ئىندىگو ناملىق بىر خىل ئوتنىڭ يۇپۇرمىقىنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ)،مېنىرال ماددىلار ۋە كوپىل پۇراقلىق ماتىرىيالى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.


    2.پېرودا يۈزىگە نىقاپ تاقىۋالغان مومىيا بايقالدى.


    بۇندىن1700يىللار ئىلگىرىكى يۈزىگە ياغاچتىن ياسالغان نىقاب تاقىۋالغان مۇكەممەل ساقلانغان بۇ مومىيا پېرونىڭ ئاۋات رايونىدىكى بىر يەر ئاستى قەدىمى قەۋرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇلۇپ،ئالىملار مومىيا بىلەن بىللە كۆمۈلگەن نەيزە بېلىگۈچ ۋە رەخت توقۇش ماشىنىسغا قاراپ، بۇ كىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پېرونىڭ موچې مەدىنىيىتىدىكى رەخت توقۇشقا مەسئول مۇھىم ئادەم بۇلىشى مومكىنلىكىنى قىياس قىلدى.


    3.روھى بار تاش.

    تەتقىقاتچىلار تۈركىيىنىڭ شەرقى جەنوپ تەرىپىدىن بىر دانە2800يىللىق تارىخقا ئىگە قەبرە خاتىرە تېشىنى بايقىغان بۇلۇپ،بۇ تاش ئالىملارنى دىنىي ئىتىقاد توغرىسىدا يېڭىچە قاراشقا ئىگە قىلدى.بۇ قەبرە خاتىرە تېشى بازالت تاشتىن ياسالغان ئۈستىگە 13قۇر خەت ئويۇلغان بۇلۇپ، بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار تاشقا ئويۇلغان ئابىدىدە"قەبرىگە يۇشۇرۇنغان روھىم ئۈچۈن ياسالغان نەزىر-چىراغ بۇيۇملېرى"دەپ يازغان.بۇ تاش-قۇراللار دەۋرى مەدىنىيىتىدە روھ بىلەن تەن ئايرىم،روھ قەبرە ئىچىدە ياشايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    4-شىمالىي ئامرىكىدا تاشقا ئايلانغان گەندە بايقالدى.

     
    تەتقىقاتچىلار ئامرىكا ئورىگون شىتاتىنىڭ شەرقى قىسىمىدىكى بىر ئۆڭكۈردە بۇندىن1مىليون430مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمقى كىشىلەرنىڭ گەندىسىنى بايقاپ،كىشىلەرنىڭ ئامرىكا قۇرۇقلۇقىنى ئېچىشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى پاكىت بىلەن تەمىنلىدى.تەتقىقاتچىلار ھەتتا تاشقا ئايلانغان گەندە ئىچىدىنDNAنى ئاجىرتىپ ئالدى،بەلكىم بۇ تۈنجى تۈركۈمدىكى ئامرىكا ئادەملېرىنىڭ ھازىرغىچە قانداق يېتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلىشى مومكىن.



    5-ئەڭ قەدىمقى ماي بۇياق رەسىم

    تەتقىقاتچىلار ئاففانىستاننىڭ مىيان تاغ جىلغىسىدىكى سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدىغان تاغ ئۆڭكۈرلېرىدىن كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر بايقىغان ئەڭ قەدىمقى ماي بۇياق رەسىمنى تاپتى. 2001-يىلى دەل مۇشۇ جايدا تالىبانلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەزگىلدە 2دانە چوڭ بامىيان بۇتىنى پارتىلىتىۋەتكەن

    6-ئەڭ قەدىمقى ياۋرۇپالىقلار

    ئارخىلوگلار ئىسپانىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىنى كولاۋاتقاندا ئۆرە ماڭىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاستىنقى جاغ سۆڭىكىنى بايقىدى.بۇ سۆڭەك بۇندىن1مىليون300مىڭ يىللار ئىلگىرىكى سۆڭەك بۇلۇپ،بۇ ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئاتا-بۇۋېلىرىنىڭ ئارخىلوگلارنىڭ پەرەز قىلغان يىلىدىن 500مىڭ يىل ئىلگىرىلا ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىغا قەدەم باسقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.


    7-ئەڭ قەدىمقى ئاياغ


    ئارخىلوگلار جۇڭگودىن تېپىلغان بىر 42مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئادەم پۇتىنىڭ بارماق سۆڭىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا،"تىيەنيۈەن1-نۇمۇر"دەپ نام قويۇلغان ئادەم كىيىدىغان ئاياغنىڭ ئىسپاتىنى تاپتى.


    8-پورتىگالىيىنىڭ قەدىمقى چۆكۈپ كەتكەن كېمىسىنى تېپىش.

    نامبىيە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن بىر جايدا گىئولوگشۇناسلار دېڭىز ئاستىدىكى ئالماسلارغا قارىتا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بايقاش 16-ئەسىردىكى دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن پورتىگالىيىنىڭ سودا كېىمىسىنى بايقىدى.بۇ كېمە دېڭىز ئاستى گۆھەر ئىزدىگۈچىلېرىنىڭ بولاڭچىلىقىغا ئۇچرىمىغان بۇلۇپ،ئالىملار كېمە ئىچىدىن50قاداققا يېقىن كېلىدىغان تىللا ھەمدە يول باشلاش ئەسۋابلېرى،پىل چىشى ۋە باشقا بايلىقلارنى بايقىدى.



    9- رىم ئىمپىرىيىسى پادىشاھى باش قىسىمىنىڭ مەرمەرتاشتىن ياسالغان ھەيكىلىنىڭ تېپىلىشى.


    ئارخىلوگلار تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا رىم ئىمپىرىيىسى پادىشاھى باش قىسىمىنىڭ مەرمەرتاشتىن ياسالغان چوڭ ھەيكىلىنى تاپتى.


    10.كىت ئوۋلاش ھەركىتى مەنبەسىنىڭ بايقىلىشى


    تەتقىقاتچىلار روسىيەنىڭ چوكىتا يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمقى خارابىلىكلەردىن بىردانە20ئىنگىلىز سۇڭى ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز پىلى چىشىنى بايقىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە تىيولىن،ئىيىق ۋە بىر كېمە كىت ئوۋلىغۇچىلارنىڭ رەسىمى ئويۇلغان بۇلۇپ،ئامرىكا ئالىياسكا ئونىۋېرسىتىتى موزىيخانىسى ئارخىلوگىيە ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى داننىل.ئودىس بۇ دېڭىز پىلى چىشىنىڭ تارىخىنى بۇندىن 3000يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا سۈرۈشكە بۇلىدىغانلىقى بىلدۈردى،بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ دېڭىز پىلى چىشى"ئىنسانلارنىڭ كىت ئوۋلاش ھەركىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پاكىتى"ھېسابلىنىدۇ.

    يۇقۇرىدا باھالانغان10داڭلىق ئارخىلوگىيىلىك بايقاشقا نىسبەتەن،"ئارخىلوگىيە"ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ تەھرىرى ماك.روس مۇنداق بىلدۈردى:بۇ تىزىملىككە بەلكىم بەزى زور ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار كىرەلمىگەن بۇلىشى مومكىن،بۇنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن يىللىق باھالاش ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن بۇلىشى ،يەنە بىر تەرەپتىن بايقالغان ۋاقتى بەك كىيىن بۇلىشى مومكىن.

     

     

    مەنبە:http://news.xinhuanet.com/tech/2008-12/16/content_10510525.htm


    收藏到:Del.icio.us