باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ چوڭلېرىنىڭ قانچىلىك بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ. - [خەلقئارا خەۋەرلەر]

    2009-01-23

     

    ۋېنگىرىيىلىك دوختۇرلار يېقىندا بىر بىمارنىڭ تېنىدىن گولف توپ چوڭلۇقىدىكى بۆرەكىگە چۈشكەن تاشنى ئېلىپ چىقاردى.بۇ بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ دىئامىتىرى17سانتېمىتىر بۇلۇپ،ئېغىرلىقى1.13كىلوگرام كەلگەن.

    ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلېرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ بىمارXنۇرىدا ئۆزىنى تەكشۈرتكەن ۋاقتىدا بەدىنىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئۆسمىنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن،بۇداپىشتىكى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان،كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى،دوختۇر بىمارنىڭ تېنىدە17سانتىمىتىر چوڭلۇقتىكى بۆرەككە چۈشكەن تاشنى بايقىغان.ھەمدە بىمارنىڭ قۇرساق قىسىمىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ،بۇ چوڭ تاشنى ئېلىپ تاشلىغان.نۆۋەتتە بىمار خەتەرلىك باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن.

    ئىگىلىنىشىچە،بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بۇلۇپ بەزىلېرىنىڭ شەكلى قۇمغا ئوخشىسا،يەنە بەزىلېرىنىڭ شەكلى تاشقا ئوخشايدۇ.بۇ قېتىمقى ئوپىراتسىيىنى قىلغان دوختۇرلار ئۆزلېرىنىڭ بۇنچە چوڭ بۆرەككە چۈشكەن تاشنى تۈنجى قېتىم كۆرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

    ئادەتتە كىچىك بولغان بۆرەككە چۈشكەن تاشلار بەدەندە بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈن  تۇرغاندىن كىينلا بەدەن سىرتىغا ئاجىرتىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.دوختۇرلار بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىپ بېرىش كېرەكلىكىنى،بۇنداق قىلغاندا بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ تېزلىكتە بەدەندىن ئاجىرىلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ تەكلىپ بەردى.

     

    http://news.xinhuanet.com/tech/2009-01/22/content_10702246.htm

     


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]گولىف توپ ئەمەس 保玲球دەك دىسىڭز بولغۇدەك ...
      ئىدىقۇت بلوگى回复سەرخىل说:
      توغرا دىدىڭىز.
      2009-02-04 14:53:37