-
2011-02-01
قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (02) - [قـــانــــــۇن]
3. قانۇننىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە رولى
قانۇننىڭ فۇنكىسىيىسى قانۇننىڭ رولى، ئىقتىدارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قانۇننىڭ رولى دىگەندە، قانۇننىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا بولغان تەسىرى، قانۇننىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ئالغان «رولى» كۆزدە تۇتىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى قانۇننىڭ ماھىيىتىنىڭ تەدبىقلىنىش داۋامىدىكى ئىپادىسى ھىسابلىنىدۇ. ئەمما «فۇنكىسىيە» دە ھەرىكەتنىڭ ئۆزى تەكىتلىنىدۇ، «رول» دا بولسا ھەركەتنىڭ ئۈنىمى، تەسىرى تەكىتلىنىدۇ. ئۇ فۇنكىسىيىنىڭ تاشقى ئىپادىسى. قانۇننىڭ ئىقتىمائى تۇرمۇشقا بولغان رولى ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى ئارقىلق ئەمەلگە ئاشىدۇ. فۇنكىسىيە رولنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەركەت ياكى ھەركەت يۈنۈلىشىدۇر. شۇڭا فۇنكىسىيەن بىلەن رول زىچ باغلىنىشلىق بۇلۇپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قانۇننىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە رولىغا ئىككى نۇقتىدىن قاراشقا بۇلىدۇ. بىرىنچىسى، قانۇننىڭ ئۆزىدىن قارىغاندا، قانۇن قېلىلاشتۇرۇش فۇنكىسىيىسىگە ۋە رولىغا ئىگە، بۇ مەخسۇس قانۇن فۇنكىسىيىسى ۋە رولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، قانۇنىي تەڭشەشنىڭ مەقسىتى، قانۇننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قارىغاندا، قانۇن ئىجتىمائى فۇنكىسىيە ۋە رولغا ئىگە.
(1) قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش فۇنكىسىيىسى ۋە رولى. قانۇن ئالاھىيدە بىر خىل ھەركەت مىزانى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش فۇنكىسىيىسى ۋە رولىغا ئىگە بۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان مۇنداق فۇنكىسىيە ۋە رول دائىم كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى باھالاش، يىتەكلەش، مۆلچەرلەش، قانۇنلۇق ھەركەتنى قوغداش، مۇكاپاتلاش، قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرنى ئەيپلەش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش، جازالاش ۋە باشقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن بىر خىل ئىدىيە، ئىرادە، پىرىنسىپنىڭ گەۋدىلىنىشى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى، ئەخلاق- پەزىلىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانۇن تەڭشەيدىغان، قېلىپلاشتۇرىدىغان ھەركەت مۇئەييەن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتىكى ھەركەت بۇلۇپ، ئەمىلىيەتتە مۇئەييەن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ئىتىراپ قىلىش، قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش فۇنكىسىيىسى ۋە رولىنى ياكى قانۇننىڭ مەخسۇس فۇنكىسىيىسى ۋە رولىنى يەنە مۇنداق ئايرىشقا بۇلىدۇ: مۇئەييەن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ئىتىراپ قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش فۇبكىسىيىسى ۋە رولى قانۇننىڭ تەڭشەش فۇنكىسىيىسى ۋە رولىدۇر؛ قانۇننىڭ تەڭشەلگەن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ۋە ئورنۇتۇلغان قانۇن تەرتىۋىنى قوغداش فۇنكىسىيىسى ۋە رولى قانۇننىڭ قوغداش فۇنكىسىيىسى ۋە رولىدۇر.
(2) قانۇننىڭ ئىجتىمائى فۇنكىسىيىسى ۋە رولى. قانۇن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنىڭ تەڭشىگۈچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىي ھالدا كەڭ ئىجتىمائى فۇنكىسىيە ۋە رولغا ئىگە بۇلىدۇ. بۇنداق فۇنكىسىيە ۋە رول قانۇننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنى يەنە مۇنداق ئىككى تەرەپكە ئايرىشقا بۇلىدۇ: بىر تەرەپتىن سىنىپىي ھۆكۈمىرانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش فۇنكىسىيىسى ۋە رولى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائى ئومۇمىي جامائەت ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىشتەك ئىجتىمائى جامائەت فۇنكىسىيىسى ۋە رولى.
收藏到:Del.icio.us