بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-01

    پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە دۇنيادىكى تىللار - [تــــەرمـىـلەر]

     ئېزىز ھەسەن

          ھازىر دۇنيادىكى بەزى جانلىقلار نەسلىنىڭ يوقىلىشى ۋە كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىدەك ھادىسىلەر ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان تىل تۈرلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئۇنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بارغانچە تونۇپ يەتتى.

         ھازىر يەرشارىدا قوللىنىۋاتقان تىل 6000دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ 3000دىن ئارتۇقراق تىل يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2050 – يىلىغا بارغاندا %90 تىن ئارتۇق تىل يوقىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ ۋەكىلى بىستا ئەپەندىمنىڭ 2009 – يىللىق خەلقئارالىق تىل تەتقىقات يىغىنىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك ئانا تىل مۇنبىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىگە قارىغاندا... بەزى تىللارئىنتېرنېت تورىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن بارغانسېرى يوقىلىش گىردابىغا يۈزلەنمەكتە ئىكەن.

         ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان، ئالاقە رولىنى ئويناۋاتقان تىل 6000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %4 تىلنى يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %97 ى ئىشلىتىۋېتىپتۇ. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىق جەمىئيىتىنىڭ باشلىقى سۇخۇڭكەي <<بىر قىسىم تىللارنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، قاتناش، ئۇچۇر – ئالاقە ۋە ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ>> دېگەن. دېمىسىمۇ ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ئىقتىدارىدا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، يەنى، خەلقئارالىق تىل ھىسابلانغان ئىنگلىز تىلى باشچىلىقىدىكى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم تىللارنىڭ كۈندىلىك ئالاقىدە كەڭ قوللىنىلىشى كىشىلەرنىڭ ئوچۇر ئىگىلەش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، بۇ تىللار ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، خەلقئارالىق سودا، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئىنگلىز تىلىنى بىلمەي ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلاندى.

         ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خونجىلات ئۇزاق يىل تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ <<بىر قىسىم تىللارنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىنتېرنېت تورى>> دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭمۇ ئاساسى بار. تور ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق بىر ۋەقە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدىغان بولدى. ئۇچۇر ۋە خەۋەرنىڭ شۇنچە تېز تارقىلىشىدا يەنىلا كۈچلۈك تىللار مۇھىم رول ئوينىغاچقا، ھەر قايسى ئەل كىشىلىرى ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتا كۈچلۈك تىللارغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا بولغان تايىنىش بارغانسېرى ئاجىزلىدى.

         بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – تېخنىكا كومىتېتىنڭ مەخسۇس مۇشۇ تېمىدىكى بىر دوكلاتىدا ھازىرقى يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، دۇنيا تىللىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھەر بىر تىل دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى قىممەتلىك بايلىقتۇر. ئۇنىڭ يوقىلىشى شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچى مىللەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەدبىر تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بىر تىلنىڭ يوقىلىشىدىن ئىبارەت بۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى، رەڭدارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوغداش، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاجىز تىللارنىڭ بارغانسېرى ئائىلىۋى تىل بولۇپ قېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، نەشرىيات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل تىل – يېزىقتىكى گېزىت، كىتاب – ژۇرناللارنى چىقىرىش، ئائىلىلەردە بالىلار بىلەن ئانا تىلدا سۆزلىشىش، مىللىي تىلدىكى ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇل – چارىلەرنى قوللىنىش كېرەك.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى