-
2011-02-01
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى (داۋامى) - [نـــىــــــزام]
3- باب: مەزمۇن ۋە شەكىل
23- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
(1) ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تەربىيەسى؛
(2) دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى تەربىيەسى؛
(3) ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسى؛
(4) پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتى، دۆلەتنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا دائىر تەربىيە؛
(5) ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇش تەربىيەسى؛
(6) مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا دائىر تەربىيە؛
(7) شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىغا دائىر تەربىيە؛
(8) ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىن ئەسەبىيلىرىگە، زوراۋان تېروررچىلارغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى؛
(9) مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەربىيەسى؛
(10) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار.
24- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تەربىيە بىلەن دائىملىق تەربىيە بېرىشنى، نۇقتىلىق تەربىيە بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى، نەزەرىيە تەربىيەسى بىلەن ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش بىلەن ئىلغار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، تەربىيەنىڭ جەلپ قىلىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
25- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، تام گېزىتى، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرى، مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە قاتارلىق شەكىللەرنى، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يىراقتىن ئوقۇتۇش، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
26- ماددا ھەر يىلنىڭ 5 – ئېيى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى بولىدۇ.
ھەر يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىدا ئاساسىي تېمىنى بېكىتىپ، بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئايلىق تەربىيە ئارقىلىق يىللىق تەربىيەگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
4- باب: كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش
27- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
28- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ كەڭ، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
29- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدە رەھبەرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئۇ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىدۇ.
30- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
31- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق تىل – يىزىقتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
32- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مۇزېيى، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى، قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى تەربىيە بازىلىرى ۋە ئۈلگە ئورۇنلارنى قۇرسا بولىدۇ.
33- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە يىللىق باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھالاش چارىسىنى چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
34- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەنقىدىي پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ۋە پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پاش قىلىش مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا، پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5- باب: قانۇن جاۋابكارلىقى
35- ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارنىڭ شەرەپ نامىنى، ئىلغار، مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ:
(1) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە باھالاشتىن ئۆتەلمىگەنلەر؛
(3) ساختىپەزلىك قىلىپ، شەرەپ نامغا ئېرىشىۋالغانلار؛
(4) كادىرلار، ئىشچى– خىزمەتچىلەر ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ھەققىدە بەرگەن تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر؛
(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا دائىر پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(7) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.
36- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز– ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق ۋە ياكى كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى تەنقىد– تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ دۆلەت مەمۇرلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
37- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىغان، بەرگەن، تەييارلىغان، ئېلان قىلغان ياكى تارقاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلغان، ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
38- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد – تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
39- ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار تارماقلار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.
6- باب: قوشۇمچە پىرىنسىپ
40- ماددا شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.
41- ماددا بۇ نىزام 2010 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
历史上的今天:
قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (02) 2011-02-01موللا مۇسا سايرامى ۋە تارىخىي ھەمىدى 2011-02-01«يادرو دۆلىتى ›› ھەققىدە 2011-02-01
收藏到:Del.icio.us