-
2011-02-01
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى - [نـــىــــــزام]
(2009- يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(18- نومۇرلۇق)
« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى» 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.
2009- يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1- ماددا بۇ نىزام باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ›› ۋە ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ›› ، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2- ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەتبىقلىنىدۇ.
3- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پۇقرالارغا قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى يادرو قىلىنىپ، مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، مىللىي سىياسەتنى ئىگىلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەربىيەدۇر.
4- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئادەمگە قاراپ تەربىيە بېرىش، ئىجابىي تەربىيە بېرىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.
5- ماددا شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەر مىللەت خەلقى ‹‹ خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىردىن ئايرىلالمايدۇ ›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، باشتىن – ئاياغ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى لازىم.
6- ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقى ۋە ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتى.
7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالار ئەخلاققۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈشى، ئۇنى مەنىۋى مەدەنىي ئورۇننى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيلىكى، دەۋرىيلىكلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ چاقىرىش، يېقىنلاشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
8- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.
9- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىشى، بېرىشى، تەييارلىشى، ئېلان قىلىشى ياكى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
2- باب: ئاپپارات ۋە مەسئۇلىيەت
10- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
(1) پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛
(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش؛
(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛
(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛
(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش؛
(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر باشقا ئىشلار.
11- ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنى، تارمىقى، سىستېمىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى جانلىق، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
يېزا (بازار)، كوچا، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللىلەر ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، قارىمىقىدىكى كەنت (شەھەر) ئاھالىسى ۋە كۆچمە ئاھالە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە خىزمىتىنى ھەممە ئائىلىگىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
12- ماددا مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مائارىپ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تۈزۈشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇش – ئوقۇتۇش پىلانىغا، خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ياراملىق ئادەم بولۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى دەرسخانىغا، دەرسلىككە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
بالىلار باغچىلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بېرىشى كېرەك.
ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرس، سۆز مۇنبىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەرقانداق كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەتنىڭ كاللىسىنى قايدۇرىدىغان پىتنە – ئىغۋا تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
13- ماددا مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجادقىلىپ ئورۇنداش، مۇزېيدا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمە قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئاساس قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى نامايان قىلىنغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشى كېرەك.
14- ماددا ئاخبارات – نەشرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ژۇرناللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر نەشر بۇيۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىشى كېرەك. كىتاب – ژۇرناللارنى تەھرىرلەش، بېسىش، نەشر قىلىش، تارقىتىش ۋە ئۈن – سىن ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، تور نەشر بۇيۇملىرى ۋە نەشر بۇيۇمى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
15- ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر قانۇن – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر قانۇن – نىزاملارنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇشقا، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى لازىم.
16- ماددا ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق تەربىيە يىرىك پىلانى، كەسپىي تەربىيەلەش پىلانى ۋە ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەش پىلاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر مەزمۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
17- ماددا مىللەت – دىن ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچىلارنىيارىتىش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىپلارنى بايقاپ، خۇلاسىلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ھەممە ئادەمنى خەۋەرلەندۈرۈپ، تىپلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىشى لازىم.
مىللەت – دىن ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دىنىي سورۇنلاردا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا قانات يايدۇرۇشى لازىم.
18- ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا ۋە يەككە سودا – سانائەتچىلەرگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
تىزىملاتقان نام، ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى، ئېلان پائالىيىتى ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز مەزمۇن ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.
19- ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى لازىم.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.
سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
20- ماددا گېزىت، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر قانۇن – نىزام، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە دائىر چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەزمۇنىدىكى مەخسۇس خەۋەرلەر، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە ئۇچۇر تورى ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بېرىپ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىشى لازىم.
21- ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، سودا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەت، سودا ساراي، دوختۇرخانا، كوچا، مەيدان، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كۆزنەك ساھەلەر ۋە جامائەت سورۇنلىرىغىچە قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
22- ماددا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن – مائارىپ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەزەرىيەسى ۋە چوڭ – چوڭ ئەمەلىي نەتىجىلەر تەتقىقاتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
历史上的今天:
قانۇندىن قىسقىچە ساۋات (02) 2011-02-01موللا مۇسا سايرامى ۋە تارىخىي ھەمىدى 2011-02-01«يادرو دۆلىتى ›› ھەققىدە 2011-02-01
收藏到:Del.icio.us