-
2011-04-22
تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنىڭ ئۆگىنىش شەكلىگە بولغان تەسىرى - [تــــەرمـىـلەر]
تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىگە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؛
بىرىنچى، يەككە ھالدىكى كىتابىي بىلىم ئۆگىنىشنى كىتابى بىلىمنىڭ تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىشىغا يۆتكىلىشىدەك ئۆگىنىش شەكلىگە ئۆزگەرتتى. دەرسلىك كىتاب ئوقۇش ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ يادرولۇق ئۆگىنىش شەكلى بولۇپ كەلگەن ھەم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا، ئۇلارنىڭ دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەن – ئۆگەنمىگەنلىكى ئاساس قىلىنىپ كەلگەنىدى. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا تەلەپ قىلىنغان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ‹‹ئۆلۈك ھالدا كىتاب ئوقۇش›› تىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتتى.
ئىككىنچى، بىلىم ئۆگىنىشنى ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىش شەكلىدىكى ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتتى. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا ، كىتابىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش ئاساس قىلغان بولۇپ، پەقەت كىتابىي بىلىملەرنى ئۈلۈك ھالدا يادلاش، كۆچۈرۈش، سىناشلا تەلەپ قىلىنغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە ئەھمىيىتى بولمايتتى. يېڭى دەرسلىكتىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش، ئالماشتۇرۇش، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدار ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئاچىدىغان ئۆگىنىش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى پەقەت تەشكىللىگۈچى، يېتەكلىگۈچىلا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تەرتىپلىك، ھەممە ئوخشاش ئۆگىنىش شەكلى ئىندىۋىدۇئاللىقنى قازىدىغان ئۆگىنىش شەكلىگە ئۆزگەردى. نەچچە ئون ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا بىر ئادەمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش، بىر تېمىنى ئوخشاش ئۆگىنىش ئىلگىرىكى ئاساسىي ئۆگىنىش شەكلى ئىدى. يېڭى دەرسلىكتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن ئارزۇسىغا ئاساسەن تەتقىقات تېمىسى تاللاش، تەتقىقات ئۇسۇلى قوللىنىش ۋە تەتقىقاتتىن يەكۈن چىقىرىش تەلەپ قىلىندى.
تۆتىنچى، قىزىقىش ئاساس قىلىنغان ئۆگىنشكە ئۆزگەردى. مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشتىن قىزىقىش ئاساس قىلىنغان ئاڭلىق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئېينىشتىيىن: ‹‹قىزىقىش ئەڭ ياخشى مۇئەللىم›› دەپ ئېيتقانىدى. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قىزىقىشنى ئاساس قىلىدىغان ئۆگىنىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆگىنىشتىكى تاللاش ھوقۇقى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن. بۇ خىل ئۆگىنىش شەكلىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن مەلۇم تەتقىقات تېمىسى ياكى تۈرىنى ئورۇندايدۇ ھەم بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئوقۇتقۇچى ئويلاپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
بەشىنچى، ئوقۇتقۇچىغا تايىنىۋالىدىغان ئۆگىنىش شەكلى ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئۆگىنىشكە ئۆزگەردى. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشتە، ئوقۇغۇچى يېتەكلىگۈچى، قاتناشقۇچى، ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ، ئۇ ھەم ئۆگىنىش، ھەم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ.