-
2011-04-22
گورباچېۋنىڭ تۆت ئارالنى سېتىۋىتىش خىيالىنىڭ ئىچكى سىرى - [مــۇلاھــــىزە]
ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى (ياپونىيە ‹‹شىمالدىكى تۆت ئارال›› دەپ ئاتايدۇ)نىڭ تەۋەلىكىنى چۆرىدىگەن ‹‹تىل ئۇرۇشى›› كەسكىنلەشتى، ھەتتا ھەربىي تۈس ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى. بۇ مۇرەككەپ تارىخىي ماجىرانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە رەھبەرلىرى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭى گورباچېۋمۇ يۇقىرىقىدەك ئۇرۇنۇشتا بولغان. بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن گورباچېۋ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانىدىم، دېدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ رۇسىيە ‹‹خەۋەرلەر›› تورىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھارپىسىدا گورباچېۋنىڭ ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ جەريانى ئاشكارىلاندى.
1991- يىلى 4- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىنىڭ ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەربنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: گورباچېۋ ياپونىيە بىلەن تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كېڭىشىشكە تەييارلاندى، پۇلغا ئالماشتۇرۇش بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دېيىلدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ئازدۇر – كۆپتۇر خەۋەر تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى مىليادېرى تاراسوۋ ئاشكارا ھالدا: گورباچېۋ 200 مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن ياپونىيەگە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىرىنچى قەدەمدە كۆلىمى بىر قەدەر كىچىكرەك بولغان خابومەي ئارىلى بىلەن شىكوتان ئارىلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى، دېگەن.
دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زېمىن سودىسى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيە تەرەپ شىمالدىكى تۆت ئارال ئەزەلدىن ياپونىيەنىڭ زېمىنى، شۇڭا تۆت ئارالنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيمىز، 200 مىليارد دوللار بېرىش ئويىمىزمۇ يوق، دېگەن.
شۇنداقتىمۇ ياپونىيە تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىدە ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىش بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹سودىگەرلەر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1991 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىچىرو ئوزاۋا سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ گورباچېۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ياپونىيە تەرەپنىڭ شەرتى بويىچە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى: ياپونىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا 28 مىليارد دوللار تۆلەش، لېكىن بۇ مەبلەغنى بىر قېتىملا تۆلىمەستىن، ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە ئاجرىتىش، ياپونىيە تەرەپ ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ھەر قېتىمدا ئىككى ئارالدىن تۆت ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە تۆت ئارالنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرۇۋېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى.
«سودىگەرلەر›› گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گورباچېۋ دەرۋەقە ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەگە جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ پىلانىنى تۈزگەن. بۇنىڭ ئىسپاتى ئىككى: بىرىنچىسى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىچىرو ئوزاۋا بىلەن گورباچېۋنىڭ سۆھبىتى؛ ئىككىنچىسى: سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېسمېرتېنخ 1991 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى توكيودا زىيارەتتە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئەربابلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت پىلانىنى تۈزۈشى ئىنتايىن مەخپىي بولغان، بۇنىڭ مەزمۇنىدىن بىرى ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ شەرتىنى كېڭىشىش ئىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن مۇزاكىرىگە قاتنىشىدىغىنى گورباچېۋنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فاللىنىدى. بۇ گورباچېۋنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىي پىلانىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئەمەس، بەلكى پارتىيەلىك كادىرلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىغا ئائىت تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كېيىن فاللىن ياپونىيە باش ۋەزىرى خەيفۇ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە قىلچە يوشۇرماستىن: ‹‹گورباچېۋنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى سىلەر ياپونىيەلىكلەرگە يۈزدەيۈز پايدىلىق››، دېگەن.
گورباچېۋ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلىنى سېتىۋېتىشكە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئالدىرايدۇ؟ تەھلىلچىلەر: بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب گورباچېۋ ئەينى ۋاقىتتا يولغا قويغان ئىسلاھات سوۋېت ئىتتىپاقىدا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىناۋىتىنىڭ تېز تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىدا، دەپ قارىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىسلاھاتچى، دەپ ئاتالغان بۇ زۇڭتۇڭ چەت ئەلدە بىر كۈچلۈك كوزىرغا موھتاج بولۇۋاتاتتى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى زېمىن ماجىراسى توغرىسىدىكى كونا، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە زور پايدىسى تېگەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۈبھىسىزكى گورباچېۋنى ئىنتايىن قىزىقتۇرۇۋاتاتتى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ‹‹غەرب›› نىڭ قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ‹‹شەرق›› نىڭ قەرز پۇلىغىمۇ ئېرىشەتتى. ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، ياپونىيە تەرەپ زېمىن مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائىتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش قاتارلىق سانائەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا غايەت زور قەرز پۇل بېرىشكە ماقۇل بولغانىدى.
«خەۋەرلەر›› تورىدا مۇنداق دېيىلدى: گورباچېۋنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق ئوينىڭ تۇغۇلۇشىنى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بەلگىلىگەن. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ھەممىلا جاينى قاپلىغان كىرىزىس شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى ئىدى. 1991 – يىلى 2 – ئاپرېل پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى، بەزى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى مىللەتچىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى، ئىش تاشلاش دولقۇنى پۈتكۈل رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى زاۋۇت – كارخانىلارنى قاپلىدى.
يوچۇقنى تېزدىن ئېتىش ئۈچۈن، گورباچېۋ تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ قەرز پۇل سورىدى، لېكىن غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر چىرايلىق گەپ قىلسىمۇ، قەرز بەرمىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، گورباچېۋ ياپونىيە بىلەن بۇ سودىنى قىلىپ، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇندى. بىراق بۇ پىلاننىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشقا ئېشىشى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىش ئىدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا گورباچېۋنىڭ دۆلەتنى تىزگىنلىيەلىشىدىن كىشىلەر گۇمانلىنىشقا باشلىغانىدى.
گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيەنىڭ زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي دائىرىلىرى قەتئىي قارشى تۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ‹‹قىزىل يۇلتۇز›› گېزىتى قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئارقا – ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى دۆلەت چېگراسىنىڭ مۇقەددەس، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. گورباچېۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھەربىي تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىدى، چۈنكى ھەربىي تەرەپ بىلەن قارشىلىشىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش ئىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئارمىيەدىن ئايرىلالمايتى، ئۇ يەنە ئارمىيە ئارقىلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ ۋاقىتتىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى يېلتسىن: ھەرقانداق كىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ جاكارلىغان، ساخارىن ئارىلىدا بىر قېتىم سەييارە سايلام رىقابىتى نۇتىقى سۆزلىگەندە، جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى ئۈستىدە توختىلىپ: ‹‹مۇشۇنداق گۈزەل زېمىننى ئەجەبا شۇنداق ئاسانلا باشقىلارغا بېرىۋىتەمدۇق؟›› دەپ ھەسرەتلەنگەنىدى.
1991- يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى گورباچېۋ ئۆز قەرەلىدە ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى. بۇ ۋاقىتتا، گورباچېۋنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى سۇغا چىلاشقان، ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ياپونىيە بىلەن زېمىن ماجىراسى مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى، شۇڭا ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش مۇمكىنچىلىكى پۈتۈنلەي تۈگىگەنىدى. گورباچېۋنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش، ياپونىيەنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى زېمىن مەسىلىسى ئىدى. ياپونىيە تەرەپ گورباچېۋدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولسىمۇ، گورباچېۋ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالغانىدى.
تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گورباچېۋنىڭ پىلانىغا بىر مەھەل قارشى تۇرغان يېلتسىنمۇ جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تارىختا ئۆز نامىنى قالدۇرماقچى بولغان. 1990- يىلى 1- ئايدا، يېلتسىن تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، زېمىن مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى ئالاھىدە تەكلىپ بەرمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغاچقا، تەكلىپىمۇ ئانچە كونكرېت بولمىغان، ياپونىيە سىياسىيونلىرى ئۇنى ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. 1991 – يىلى 6 – ئايدا، يېلتسىن رۇسىيەنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆزى ئىلگىرى ساخارىن ئارىلىدا دېگەن دەبدەبىلىك سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش ‹‹رۇسىيە – ياپونىيە زېمىن ماجىراسىنى باسقۇچلار بويىچە ھەل قىلىش پىلانى››نى ئېلان قىلغان. يېلتسىن ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپىنى جەنۇبىي كۇرل تاقىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەكلىپ، دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان، لېكىن ھەربىي تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى تۈپەيلىدىن يولغا قويالمىغان.
评论
قولۇم كۆكسۈمدە!