-
2011-04-21
لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى «ئۇستاز» لىرىغا مۇش ئاتارمۇ؟ - [مــۇلاھــــىزە]
رۇسىيە گېزىتىدە: ‹ياۋروپا ۋە ئامېرىكا لىۋىيەدە ئافغانىستاندىكى خاتالىقىنى
قايتا سادىر قىلىۋاتىدۇ› دەپ قارالدى
غەرب لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كازافىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا بارغانسېرى ئاكتىپ ۋە ئاشكارا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ يۆلىشى بىلەن تەرەققىي قىلغان لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ‹‹ئۇستاز›› لىرىغا قارشى چىقمايدىغانلىقىغا ھېچكىم ھەرقانداق كاپالەت بېرەلمەيدۇ .
كۆپ يىللار ئىلگىرى بۇ خىل ئەھۋال ئافغانىستاندا كۆرۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەشقاۋۇللىرى بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تالىبان ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرغان. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، بېن لادىن ‹‹غازاتچىلار›› نى باشلاپ ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ‹‹ئۇستاز›› لىرىغا قارشى چىقتى.
كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى نېمە قىلىدۇ؟ ئۇلار قوراللىرىنى تاشلاپ، تىنچ تۇرمۇشىغا قايتامدۇ؟ لىۋىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي قالايمىقانچىلىققا پېتىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى شىددەتلىك ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، ئومۇمەن مۇنداق بېكىتىشكە بولىدىكى، توپىلاڭچىلار كازافىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە بۇنىڭدىن كېيىن، داۋاملىق قوراللىق قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىل پۇل تېپىش شەكلىنى قوللىنىشى مۇمكىن.
كىمگە قارشى تۇرىدۇ؟ غەرب بىرلەشمە ئارمىيەسى قوللانغان ھەربىي ھەرىكەت ھەمىشە ئۆكتىچىلەرگە مۇنداق بانا تېپىپ بېرىدۇ: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىنى كېرەك قىلمىغان چاغدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مەسىلەن، 2–ئاپرېل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئايروپىلانى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى خاتا بومباردىمان قىلىپ قويدى، 13 قوراللىق ئۇنسۇر نەق مەيداندا ئۆلدى. ئەمما بۇ بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق تاساددىپىيلىقى ئەمەس. ئەلۋەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنى ئىنچىكە تەكشۈرىمىز، ھەمدە ئېنىقلايمىز دېيىشى مۇمكىن. تالىباننىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرى بولسا، بۇ قېتىمقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ھادىسە لىۋىيەلىكلەرنىڭ غەربنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى. ھالبۇكى ، ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى مىجەزى چۇس كاتتىباشلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ‹‹تىرىكچىلىك›› قىلىشى ئۈچۈن يېڭى دۈشمەننى ئىزدەپ تاپقاندىلا، ئۇلار شۈبھىسىزكى بۇ ‹‹خاتالىق››لارنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇۋەتمەيدۇ.
لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا كازافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار خېلى كۆپ. ھازىر ھەتتا غەرب تەھلىلچىلىرىمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانچە گۇمانلانمايدىغان بولدى. بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور سېتېفىن مۇنداق دەپ قارىدى: غەربنىڭ لىۋىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى، كازافى تەختتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ، يېڭى ھاكىمىيەتنى غەربكە يېقىنلاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە لىۋىيەدە ھازىر يۈز بەرگەن ۋەقە دەل ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ. بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەن داۋالغۇشلاردىن ئىزچىل پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى مايك. شېرمۇ سېتېفىننىڭ قارىشىغا قوشۇلۇپ مۇنداق دېدى : شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ‹‹بازا تەشكىلاتى››دا لىۋىيەلىكلەر مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بېن لادىننىڭ يېقىنلىرى ئارىسىدىمۇ لىۋىيەلىكلەر بار. شېر يەنە مۇنداق دېدى: ئىراقتىمۇ غەربنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قارشى جەڭگە قاتناشقانلار ئارىسىدا بىر مۇنچە لىۋىيەلىكلەر بار ئىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ‹‹يوشۇرۇنچە›› بىر مۇنچە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلىقى، ھەمدە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش پەيتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بىراق، ۋەزىيەتنىڭ مۇنداق تەرەققىي قىلىشى كازافىنى بالدۇرراق جازالاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماسلىقى مۇمكىن. پارىژ ۋە لوندون لىۋىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرىنى يېڭى قورال–ياراغلار بىلەن قوراللاندۇرۇش ئارزۇسىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىرقانچە كۈن ئىلگىرى لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم بېرىش مەخپىي ھەرىكىتىنى تەستىقلىغان.
ئۇنداق بولسا، قوراللانغان لىۋىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كىم باشچىلىق قىلىدۇ؟ كازافى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلار دىققىتىنى كىمگە يۆتكەيدۇ؟ قوشنا دۆلەت ئالجىرىيە بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك قىلىدۇ. 3–ئاپرېل ئالاھىدە قىسىمنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى مەخپىي مەشىق قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى لىۋىيەدىن سىڭىپ كىرگەن ‹‹بازا تەشكىلاتى›› نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، لىۋىيە بىلەن بولغان چېگرا رايونىدا خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر غەربكە تايىنىپ قوراللانغان ئىكەن، كەلگۈسىدە ھەرقانداق بىر قوشنا دۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئەمەلىي تەھدىتكە ئايلىنىدۇ. ئەجىبا ئافغانىستاننىڭ تارىخى قايتىلىنامدۇ ؟ ھەمدە بۇ قېتىمقىسى دەل ياۋروپاغا يېقىن. بۇ قاننىڭ ھىدىنى پۇرىغان ۋە غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ھېچكىممۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ. ئىتالىيەدىكى لامپدۇسا ئارىلىغا ئېقىپ كىرگەن مۇساپىرلار ئون مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ لىۋىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلار بار، ناچارلاشقان ۋەزىيەت يېڭى تەھدىت ئالدىدا ياۋروپانىڭ ھېچقانداق قوغدىنىش توسۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:
بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز:
بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 13899973182، 8521981–0991