-
2011-02-06
«جۇڭگۇلۇقلار بىلەن ئىتلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ كىلىپ چىقىشى - [تــــەرمـىـلەر]
شاڭخەي ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كىيىن ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ چاغلاردا شاڭخەيدىكى ئەمەلدارلار ياتلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە ئىجازەت بەرمەيتتى. ھەتتا ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئۆي ئىجارە بىرىش ۋە سېتىشقا قەتئى رۇخسەت قىلمايتتى. ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى بۇ خىل مۇھىتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ چىڭ ئەمەلدارلىرى شاڭخەينىڭ شىمالىدىكى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىن ئەنگىلىيىلىكلەرگە «كونسېسسىيە» ئاجرىتىپ بىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنگىلىيىلىكلەر كونسېسسىيەدە بەزمىخانا، بەيگە مەيدانى، باغچىلارنى قۇردى. 1868- يىلى شاڭخەيدىكى ئەڭ بۇرۇنقى باغچا- خۇاڭپۇ باغچىسى قۇرۇلدى. ئۇ چاغلاردا بۇ باغچىنى «ئاممىۋى باغچا» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، پەقەت ياۋروپا، ئامىرىكىلىقلارغىلا ئېچىۋىتىلگەن ئىدى. باغچا ئېچىلغان تۇنجى كۈنىلا دائىرىلەر باغچا دەرۋازىسىغا قاراۋۇل قۇيۇپ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىرىشىنى توستى. كېيىن بارا-بارا نۇرغۇن كىشىلەر كونسېسسىيەگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتى ھەم چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش باج تاپشۇردى. لېكىن ئۇلارنىڭ «ئاممىۋى باغچا» غا كىرىشىگە زادىلا رۇخسەت قىلمىدى. جۇڭگۇلۇقلارنىڭ «ئوخشاش باج تاپشۇرىمىز، نىمىشقا ھوقۇقتا باراۋەر بولمايمىز» دېگەن ھەققانىي سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى.
1878- يىلى 12- ئىيۇن شاڭخەيدە چىقىدىغان ئەنزار گېزىتىدە «مەنئى قىلىش پەرمانى بىكار قىلىنغاي» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. ماقالىدا: «شاڭگاڭدىمۇ ئاجايىپ كاتتا ئارامگاھ بار، لېكىن بىزلەرنى يەكلەپ كىرگۈزمەيتتى، باش ۋالى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ھىس قىلىپ، پەرماننى بىكار قىلدى. جۇڭگۇلۇقلار بىلەن غەربلىكلەر باغچىغا كىرىشتىن تەڭ بەھرىمان بولدى، شاڭخەيدىكى ئىشلارمۇ ئوخشاش، بۇنداق پەرمانلارنى بىكار قىلسا بولمامدىكەن؟ باغچىنى جۇڭگۇلۇقلار قۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار كىرەلمىسە بۇ بىر ئادالەتسىزلىك بولمامدۇ؟ ئەمگەك ئىدارىسى بۇ ئىشنى دەڭ سېلىپ ئويلاشقاي» دەپ يېزىلغان ئىدى. 1881- يىلى 6- ئىيۇن شاڭخەي جۇڭخۇا دوختۇرخانىسى (توڭ رېن دوختۇرخانىسى) نىڭ دوختۇرلىرىدىن يەن يۇڭجىن بىلەن تاڭ موجى قاتارلىقلار ئەمگەك ئىدارىسىغا خەت يېزىپ، جۇڭگۇلۇقلارنى باغچىغا كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمگەك ئىدارىسى 20- ئاپرېل جاۋاپ خەت يېزىپ: «باغچىمىزنىڭ كۆلۈمى چەكلىك، شۇڭا ئىسىلزادە جۇڭگۇلۇقلار كىرسە بۇلىدۇ» دىدى. 25- ئاپرېل ئەمگەك ئىدارىسى يەنە خەت يېزىپ: «مۇدىرىيىتىمىزنىڭ بۇيرۇقى شۇكى، ..... ئەمگەك ئىدارىسى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ باغچىدىن ھوزۇرلىنىشىغا ھېچقانداق ھوقۇقى يوق» دىدى. شۇنداق قىلىپ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ياكى تۈۋەن قاتلىمى بولسۇن باغچىغا كىرىشكە بىردەك رۇخسەت قىلمىدى.
1885- يىلى ئەنگىلىيىلىكلەر باغچا دەرۋازىسىغا باغچا بەلگۈلىمىسى چۈشۈرۈلگەن تاختىنى ئورناتتى. ئۇنىڭدا: «رىكشىچىلار ۋە ئىتلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق. غەربلىكلەرنىڭ مالايلىرىدىن باشقا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. كېيىن: «جۇڭگۇلۇقلار بىلەن ئىتلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھاقارەتلىك سۆز خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالدى.
1885- يىلى 25- نويابىر شاڭخەيدىكى مەشھۇر سودىگەرلەردىن چېن يۇڭنەن، ۋۇ خۇڭيۈ، يەن يۇڭجىن قاتارلىق سەككىز كىشى ئەنگىلىيە دائىرلىرىگە خەت يېزىپ، باغچا دەرۋازىسىدىكى ھاقارەتلىك تاختىنى ئېلىۋىتىشنى ھەمدە باغچىنى شەرتلىك ئېچىۋىتىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇنىڭدا:
1. جۇڭگۇلۇقلارغا باغچىغا كىرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىش.
2. سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى جۇڭگۇلۇقلار گۇۋاھنامە بىلەن باغچىغا كىرىش.
3. مەيلى چەتئەللىك، مەيلى جۇڭگۇلۇق بولسۇن باغچىغا ئەركىن كىرىپ- چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش.
ئەمما ئەنگىلىيە دائىرلىرى: «سىلەرنىڭ تەكلىۋىڭلار چەتئەل جەمىيەتلىرىنىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشەلمىدى، شۇڭا بۇنداق ئىمتىيازنى جۇڭگۇلۇقلارغا بىرەلمەيمىز » دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ چاغدا ھەتتا باغچا ئەتراپىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ تېمىغىمۇ «جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق» دەپ يېزىلغان تاختىلار قادالغان ئىدى.
شاڭخەيدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن بولغان كۈرەشنى توختاتماي ، ئاخىر 1889- يىلىغا كەلگەندە جۇڭگۇلۇقلارغا 183 پارچە گۇۋاھنامە بىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇ يىلى باغچىغا كىرەەن جۇڭگۇلۇقلار 700 دىن ئاشقان ئىدى.
1925- يىلى «30- ماي» جاھانگىرلىككە قارشى نامايىش بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار باغچا ئالدىغا يۇپۇرلۇپ كىلىپ ھېلىقى: «جۇڭگۇلۇقلار ۋە ئىتلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى تاختىنى يۇلۇپ ئېلىپ چەيلەپ، كۇكۇم- تالقان قىلىۋەتتى. شاڭخەي خەلقى 60 يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىر بۇ ھاقارەتلىك سۆزگە خاتىمە بەردى.
评论