-
2011-02-06
شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى دىنلار ۋە شامان دىنى - [دىن ھەققىدە]
ئىپتىدائى دىن ئىپتىدائى جەمىيەتنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرى پەيدا بلغان بۇلۇپ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بىر خىل دىنى فورماتسىيە. دىنمۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە كەڭ تارقالغان بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە. قەدىمقى دەۋىردىكى شىنجاڭدىكى ئاھالىلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۆز-ئۈزىنى بىلىش ھەققىدىكى خاتا قاراشلىرى ئىپتىدائى دىنى ئاڭنى ۋە چۇقۇنۇش قائىدىلىرىنى پەيدا قىلغان. چۈش كۈرۈش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە روھ قارىشى پەيدا بولغان. كىيىنچە ئىپتىدائى جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تەبىئەتنى تۇنۇش ۋە تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا تەبىئەتتىكى ئاجايىپ، غارايىپ ، رەڭگا-رەڭ ھادىسىلەردىن يەنى ئۆزگىرىشچان تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قورققاچقا ۋە ئۇلارنى چۈشەنمىگەچكە خاتا ھالدا تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش روھ بار، ھەممە نەرسىدە روھ بۇلىدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە تەبىئەتتىكى ھەر خىل نەرسىلەرگە چۇقۇنۇش كىلىپ چىققان. شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلارنىڭ تەبىئەتكە چۇقۇنۇش ئۇبىكىتلىرى ناھىيىتى كەڭ بولغان. يەنى ئاسمان، زىمىن، ئاي، كۈن، شامال، يامغۇر، چاقماق، سۇ، تاغ، ھايۋان، ئۈسۈملۈك، دەل-دەرەخ، زىرائەت قاتارلىق تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەدىمقى كىشىلەرنىڭ چۇقۇنۇش ئۇبىكتى بولغان.
كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە مەخسۇس دىنى مۇراسىملارغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان كاھىنلار ۋە قامانلار بارلىققا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتىكى ئىپتىدائى دىن قاماننىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەۋىدىن قامان دىنى ياكى شامان دىنى دەپ ئاتالغان. شامان دىنى شىنجاڭدىكى قەدىمقى مىللەتلەر ئىچىدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە شامانلار ئىنتايىن يۇقىرى ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ، ئۇلار قەبىلىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپلا قالماستىن ھەتتا ھەربى يۈرۈش قىلىش، جەڭ قىلىشلاردىمۇ تەڭ ماڭغان. ھەربى ئىشلارغا ئارىلاشقان. ھەمدە ئىلاھتىن قۇشۇنىنى ئامان-ئېسەن ساقلاشنى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى تىلەشكەن. شامان دىنى قەدىمقى زاماندا شىمەلى ئاسىيا يايلاقلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىپتىدائى دىن ئىدى. ئۇ چاغدا ئىپتىدائى جەمىيەت يىمىرلىشكە يۈزلەنگەنلىكتىن كەسپى داخان، پىرىخونلار بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە تۇڭگۇسلار (مانجۇ) ئۇلارنى قامان ياكى شامان دەپ ئاتاشقان. بۇنىڭ مەنىسى ھاياجانلىنىپ تېنىم تاپمايدىغان ئادەم دىگەن بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كەسپى پائالىيىتى سەكرەپ يۈرۈپ باخشىلىق قىلىش بولغاچقا شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us