«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2013 - يىللىق 3 - سان
ئىللىق چىراي، ئىللىق رەڭ، ئىللىق تۇيغۇلار ـــــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ ساندىكى مۇقاۋا لاھىيەسىدىن باشلىنىدۇ. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقاۋىلىرى ئۈچۈن رەسمىي بېكىتىلگەن مۇقاۋا لاھىيەسى مۇشۇ ساندىن باشلاپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى! سىز بۇ ساننىڭ بەتلىرى ئارقىلىق «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى» سەھىپىسىدە «تەرەققىياتنىڭ يەنىلا ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيسىز؛ «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىدە ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولالايسىز؛ ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقىي، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى قاتارلىق 40 نەچچە يازغۇچى، تەتقىقاتچى، شائىر، تەرجىمان ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن كۆپ خىل سەھپىە ھەم تېمىلار ئۈستىدە ئەركىن – ئازادە پىكىرلىشەلەيسىز؛ قەرەرلىك ئېلان قىلىنىدىغان «سۆھبەت» سەھىپىسىدكى زىيارەت خاتىرىسى ئالدىنقى سانلارغا ئوخشاشلا سىزگە بەلگىلىك قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ...