«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2013 - يىللىق 4 - سان
ئىيۇلنىڭ ئاخىرى نەشردىن چىققان 4 – سان ژۇرنال ئەمگەكچىلەرنىڭ يارقىن ئوبرازى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە بۇرۇندىن باشلاپ تۇنۇش بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم جەلپكار سەھىپىلەرگە يانداشقان، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «سالام، دېھقانلار!»، «فوتو سۈرەت مۇنبىرى» سەھىپىلىرىدىكى ئەسەرلەر سىزگە ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى - يېڭى مەزمۇنلىرىدىن باشلانغان ئىللىق تۇيغۇلارنى تەقدىم قىلىدۇ؛ سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئەركىن ئابدۇللا، يازغۇچىلىرىمىزدىن ياسىنجان سادىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن قانغۇدەك مۇڭدىشىپ چىقىدۇ؛ كېرىمجان ئابدۇرېھىم، نۇرئىمان ئابدۇرەشىد، يۇنۇس سادىق، ئاتىكەم سېدىق ئايقۇت قاتارلىق 30 نەچچە ئاپتورىمىزنىڭ قەلىمىدىكى سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەردىن ھەر كىم ئۆزىگە تېگىشلىك مەنىۋىي زوق ئالالايدۇ...