«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2013 - يىللىق 1 - سان
بەلكىم دىققەت قىلغانسىز: ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى رەڭلىك ھالىتى مەزكۇر ساندىن باشلىنىدۇ. رەڭلىك ژۇرنال چىقىرىش تارىخىدىكى دادىل ئىسلاھاتىمىز بەت ياساش ۋە لاھىيەلەشتە ئۆزىنىڭ تۇنجى مىۋىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە قىياپەتتە سوۋغا قىلىش بىلەن بىرگە، «سەيپىدىن ئەزىزى كەلپىندە» (مامۇت قۇربان)، «خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئۆرپ – ئادىتى» (قۇربان ئوبۇل)، «بەخت ھارۋىسى» (ئابدۇكېرىم قادىر)، «‹ئاۋازلىق ئوقيا› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تىڭشاشتىن خاتىرە» (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىد بەرقىي)، «مەن ھاياتنىڭ قىممىتىنى قانچىلىك ھېس قىلدىم» (مۇتەللىپ سەيپۇللا) قاتارلىق سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەر بۇ ساندا ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
بۇ ساندا ـــــ ئوقۇرمەنلەر يەنە ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇنىرە غوپۇر قاتارلىق ئاتاقلىق شەخسلەر بىلەن كۆپ خىل مەزمۇنلار بويىچە مۇڭدىشالايدۇ....