شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 351 يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 15:56:04
شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك
دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ــــ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن چىڭ ئىگىلەشكە تېگىشلىك توغرا سىياسىي يۆنىلىش. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.
پائال شارائىت يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بارلىق ئاماللار بىلەن تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنى ئۈزۈكسىز ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت - سائادەت؛ بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق بولسا بالايىئاپەت. مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ــــ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 4 - مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ ھەم ئۇلارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە كېڭەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدىن.