يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1286   يوللانغان ۋاقتى: 2015-04-10 14:34:18

 做好新时期民族工作的纲领性文献 —— 深入学习贯彻习近平总书记在中央民族工作会议的重要讲话
 
全国政协副主席、国家民委主任 王正伟 —  
  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى  ۋاڭ جېڭۋېي


  
  يېقىندىلا يېپىلغان مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى مەملىكىتىمىزدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھالقىلىق مەزگىلىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن، مىللەتلەر خىزمىتى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىكى مۇھىم سۆزىدە ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىش چوڭقۇر شەرھلەندى؛ يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تونۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يېڭى قارار، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەر چىقىرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىكى مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يـارىـتىشـقـا چـوقـۇم مـۇھىم ھەم چوڭقۇر تـەسىر كۆرسىتىدۇ.
  1. «سۆز»دە بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك بولۇشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زور بىر خاسلىقى ۋە تەرەققىياتتىكى زور بىر پايدىلىق ئامىلى ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي ئەھۋالىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى تەكىتلەندى
  دۆلىتىمىز ـــ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، بۇ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا تونۇش مىللەتلەر مەسىلىسىنى تونۇش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، كەڭ ۋە مۇنبەت تۇپرىقىنى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن تارىخىنى ۋە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى»؛ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان» كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى؛ «جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئائىلە بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بولسا چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشىمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، مەركەز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي ئۈچ قېتىم مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، لېكىن «بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» ئەھۋالىنىڭ مەركەزلىك شەرھلىنىشى تېخى تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.
  مەركەز بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتە، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە چېگرانى مۇستەھكەملەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللەپ - ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بىز ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە «قوش 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى»دىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
  2. «سۆز»دە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى جۇڭگوچە توغرا يولنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلەندى
  يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىر قىسىم كىشىلەر بىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىمىزغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ، بەزى پىرىنسىپال مەسىلىلەردە تەۋرىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى يوق، تەرەققىي قىلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەر غەربنىڭ ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولالمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر توغرىسىدىكى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرى توغرا بولدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان جۇڭگوچە يول توغرا بولدى، دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق بولدى، مىللەتلەر خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى» دەپ كۆرسەتتى. «سۆز»دە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى جۇڭگوچە توغرا يول مۇنداق «سەككىز تەۋرەنمەسلىك» بىلەن تولۇق يىغىنچاقلاندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە، «ئىككى ئورتاق» ئاساسىي تېمىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش.
  يولغا بولغان ئىشەنچ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى ۋە ئىلمىي خۇلاسىسى ـــ چىڭ تۇرۇش ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىلغان ھۆكۈم ۋە خۇلاسە. ئۇنىڭدا مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئەڭ يادرولۇق، ئەڭ تۈپ مەسىلە بولغان يول مەسىلىسىگە مەركەزلىك جاۋاب بېرىلدى؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىدىكى ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئىدىيەدىكى گاڭگىراشلار چوڭقۇرلاپ يېشىپ بېرىلدى. ئۇ ـــ ئادەمنىڭ دىلىنى يورۇتىدىغان، مەردانىلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تەجرىبىلىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى ھېسابلىنىدۇ. بىز يولغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان جۇڭگوچە توغرا يولنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
  3. «سۆز»دە مىللەتلەر خىزمىتىدىكى باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، مىللەتلەر نەزەرىيەسىدە ۋە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا «تۆت تونۇش»نى كۈچەيتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى
  «بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىمىزمۇ بەزى باسقۇچلۇق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ». بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ چىقارغان مۇھىم ھۆكۈم. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى قوللاش سالمىقىنىڭ ئۈزۈكسىز ئېشىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئاجىز بولۇشى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، قوشۇلۇشى، كۈچىيىشى بىلەن مىللەت ئامىلىغا چېتىشلىق بولغان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنىڭ كۈچىيىشى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇش بىلەن قىسمەن جايلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ جانلىنىشى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى تارىخىي ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردا مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتى توغرىسىدا ھەر خىل سۆزلەرنىڭ بولۇشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشەنمەسلىكتىن بولغان. بۇ ئومۇمىي ھۆكۈم دىققەتنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتىشقا پايدىلىق. مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەشتىمۇ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىش ـــ ھەم دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەنئەنىنى چىقىش قىلىش، ھەم تارىخقا باغلىنىپ، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ ھەم چەت ئەللەرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىدىن پايدىلىنىش، ھەم دوگماتىزملىق قىلىپ چەت ئەللەرنىڭكىنى ئەينەن كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش؛ يۇقىرى قاتلامنىڭ لايىھەسى ئەتراپلىق بولۇش، سىياسەت پىلانى دەل جايىدا بولۇش ـــ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مۇۋاپىق بولۇش، ئاددىي، يۈزەكى بولۇشتىن، تەۋرىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
  4. «سۆز»دە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە «ئىككى بىرلەشتۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەكىتلەندى
  بەزىلەر: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ بېكىتىلىش جەريانىنى ئەسلەپ، بۇ تۈزۈمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ شاللىنىشى، شۇنداقلا «بىر خىل قىلىش» ھەم «ئۆرپ - ئادەتكە قاراپ ئىدارە قىلىش»تەك سىياسىي ئەنئەنىدىن ھالقىش ئىكەنلىكىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەتراپلىق ئويلىنىشتىن كېيىنكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ـــ ئېلىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، شۇنداقلا مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتىكى توغرا يولنىڭ مۇھىم مەزمۇنى» بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئوينىدى؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەر ئەمدى تىلغا ئېلىنمىسۇن!
  بۇ مۇھىم ھۆكۈملەر مۈجمەل تونۇشنى سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ تارىخىي يۈكسەكلىكىدە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. بىز «بىرلىككە كېلىش بىلەن ئاپتونومىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش»، «مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ مىللەتلەرگە ئايرىش ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش؛ ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەگە ئالاقىدار قانۇن - نىزام ھەم تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
  5. «سۆز»دە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئاساس خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت قاتارىدا ئىشلەش تەكىتلەندى
  يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكى ۋە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا شەرت ھازىرلاپ بەردى. مىللەتلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى، لېكىن يېقىنقى يىللاردا لاسا «41 - مارت» ۋەقەسى، ئۈرۈمچى « 5 - ئىيۇل» ۋەقەسى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن يۈز بېرىشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەممە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ھەقتە باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، ئېلىمىزدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە «مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش، ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى كىشىلەر كۆڭلىنى مايىل قىلىش» دەپ تەكىتلىدى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى كۈچلۈك بولغان سىياسىي ھۆكۈم ئىقتىدارىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ھالەتنى نامايان قىلدى؛ پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنلىكىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى. بىز دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى توغرا تونۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى كۆپرەك كۆرۈشىمىز؛ مەلۇم ئاپتونومىيەلىك جاينىڭ قىسمەن يېرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى شۇ ئاپتونومىيەلىك جاينىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە باغلىۋالماسلىقىمىز؛ مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر تېرىغان ئىشنى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن باغلىۋالماسلىقىمىز؛ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەر پەيدا قىلغان ئىشلارنى ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مىللەتلەر سىياسىتىگە باغلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا، كىشىلەر كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى بىرلىكتە ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان، يېتىلدۈرىدىغان، مۇناسىۋەتنى ئىناقلاشتۇرىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك؛ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، قوشۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىققا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك بولۇش، ئۆزئارا ياردەملىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك؛ ۋاسىتە ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشىنى پۇختا تىكلەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك؛ چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە تار مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك.
  6. «سۆز»دە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، «تۆت ساھە، سەككىز مۇھىم نۇقتا»دىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەكىتلەندى
  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. لېكىن، تەبىئىي، جۇغراپىيەۋى، تارىخىي قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاجىز نۇقتا بولۇپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل جايىدا قىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا يەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، چوقۇم تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھالقىشلىق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. لېكىن، بىز شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئوخشاش سەۋىيەدىكى ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىز ھەم مۇئەييەن ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەم قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز؛ ھەم  2020 - يىلىدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتنى ئويلىشىمىز، ھەم مەۋقەنى ئاساس سېلىش، ئۇزاقنى ئويلاش، ئۈنۈم يارىتىشقا قارىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
  بۇ مۇھىم ھۆكۈملەر ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە مەركەز، تەرەققىي قىلغان رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ۋە ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان رايونلارغا پەرقلىق سىياسەت قوللىنىپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈزۈلمىسى ھەم مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى بىلەن بۇ رايونلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مائارىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز؛ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، نامرات رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز؛ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز؛ ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.
  7. «سۆز»دە مىللەتلەر خىزمىتىدە ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر بىلەن مەنىۋى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش چوڭقۇر شەرھلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇش تەكىتلەندى
  ھەم ماددىي كۈچكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم مەنىۋى كۈچكە ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانى. يېقىنقى مەزگىللەردە بەزى جايلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ماددىي جەھەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى جەھەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك خاھىشىغا قارىتا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مىللەتلەر خىزمىتىدە ھەم ماددىيلىق بولۇش، ھەم مەنىۋىلىك بولۇش كېرەك»؛ «مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، مەنىۋى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك»؛ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ئاساسلىق بولىدىغىنى مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش، ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.»
  بۇ مۇھىم قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق تونۇشقا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيەتنى تونۇش مەسىلىسىنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز خاتا ئىدىيە، قاراشلارغا بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز؛ ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ ھەق - ناھەقنى ئايرىش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئىدىيەسىنى ھەر بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە بىخ تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز ۋە قوغدىشىمىز، شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى ئېلىشىمىز، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىشىمىز، تىرىشىپ ئىجادىي ئۆزگەرتىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ «قوش تىل»لىق مائارىپنى پائال يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىسى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
  8. «سۆز»دە دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ رايون ئاتلاپ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى جانلانغان مەزگىلگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي يۈزلىنىش چوڭقۇر شەرھلىنىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى شەھەرلەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش تەكىتلەندى
  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، بولۇپمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر شەرقىي قىسىم ۋە ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە كەڭ كۆلەمدە يۆتكەلدى، ئىچىكىرىدىكىلەرمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا  ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىغا كەڭ كۆلەمدە يۆتكەلدى. بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇنيادىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يۆتكىلىش تېخى ئاياغلاشمىدى. بۇ، شەھەرلەردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى، ئۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىمۇ پايدىلىق. شەھەرگە كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا يەنە شەھەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە باشقۇرۇش شەكلىگە كۆنەلمەسلىك، شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ بەزى تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت شەكىللىرىگە كۆنەلمەسلىك ھەمدە بىزنىڭ خىزمەت شەكلىمىز ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىمىزمۇ ياخشى ماسلىشالماسلىقتەك «ئۈچ ماسلىشالماسلىق» مەۋجۇت.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسلىرىغا بېكىنمىچىلىك پوزىتسىيەسىدە بولماسلىق، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش پوزىتسىيەسىدىمۇ بولماسلىق، بەلكى قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇش كېرەك.
  بۇ مۇھىم ھۆكۈملەر پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن، شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەھەرلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ـــ كۆچۈپ كىرىدىغان جاي بىلەن كۆچۈپ چىقىدىغان جايدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى چىڭ تۇتۇش؛ خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى مەھەللىلەرگە قارىتىش، كىرىشمە ھالەتتىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى قانۇنغا ۋە شەھەر باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش، مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كەمسىتىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن كەمسىتىشلەرنى، مىللەتنىڭ ھېسسىياتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە توسۇش، شۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى سىرداش دوست تۇتۇش، ئىناق قوشنا بولۇش، گۈزەل ئائىلە قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
  9. «سۆز»دە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنىڭ پارتىيەدە، ئادەمدە ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى
  دۆلىتىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە كۈچلۈك سىياسىي رەھبەرلىك بولمىسا، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرساقلا، دۆلىتىمىزدە ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق سىياسىي كۈچ بىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمىزگە پاراكەندىچىلىك سالالمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە بىرلىكىمىز سىياسىي جەھەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.»
  باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزم، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كادىرلارغا «ئۈچ ئالاھىدە»، يەنى «ھەق - ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە كەسكىن بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى سۆيۈشتىكى ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش»تىن ئىبارەت يېڭى ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى.
  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى؛ سىياسىي جەھەتتە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش، مىللىي مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرى ۋە ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتە ئەخلاق - پەزىلەتكىمۇ، قابىلىيەتكىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مۇنەۋۋەرلىرىنى مۇھىم رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بولسۇن ياكى خەنزۇ كادىرلار بولسۇن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىشى، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلىشى، خىزمەتلەرنى بىر نىيەتتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت ھەمكارلىشىدىغان مىللەتلەر خىزمىتى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەيئىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
  قىسقىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر، مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ ماسلىقىنى، دۆلەت ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى، يۆنىلىش بىلەن يولنى ئىگىلەشنى، تۈزۈم بىلەن قانۇننىڭ پىرىنسىپىنى، سىياسەت بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەكس ئەتكۈزۈپ بەردى. بىز يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇشىمىز؛ «سۆز»نىڭ روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، جەۋھىرىنى ئىگىلىشىمىز، ئىدىيەمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ قانۇن ئارقىلىق  ئىدارە قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان جۇڭگوچە توغرا يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، بىر نىيەتتە بولساق، بوشاشماي كۈرەش قىلساق، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى چوقۇم جۇش ئۇرۇپ ئالغا باسىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشان ۋە «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى»دىكى جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!