مىللەتلەر خىزمەتچىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇشى كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 364   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 15:51:16

   مىللەتلەر خىزمەتچىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇشى كېرەك

  − مىللەتلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدا (4) 

   مىللەتلەر خىزمىتى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئاممىۋى خىزمەت. مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەشتە ھېسسىياتقا ۋە سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھېسسىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەلبداش بولۇش كېرەك. پېشقەدەم مىللەتلەر خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ خىزمەتلەردە ئىنچىكە بولۇشى ۋە جاپالىق ئەجىر قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللەتلەر خىزمىتى ئورۇنلىرىنى يېقىملىق ھالدا «ئۆز ئۆيىمىز» دەپ ئاتىغان. بۇ، مىللەتلەر خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ئىنئام ھېسابلىنىدۇ. زامانىمىزدىكى مىللەتلەر خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ «ئۆز ئۆيى» بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
    ئامما ھەقىقىي قەھرىمان، ئاممىۋى لۇشيەن ـــ پارتىيەنىڭ ھاياتى. خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ساقلاش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكى ۋە قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تارىخى پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە مىللەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئىتتىپاقلاشتۇرغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، روناق تاپتۇرغان تارىخىدۇر. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، جان - دىل بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخىدۇر.
  نۆۋەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش داغدام  يولىدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئىگە بولۇشنى، پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، خىزمىتىنىڭ ۋە تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېى «خەلق تۇرمۇشى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش» دەپ كۆرسەتتى. مانا بۇ بىزدىن خىزمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ماھارىتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ ئىش»نى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق چوڭقۇر، ئىنچىكە ۋە پۇختا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
    يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بىز خەلقنىڭ سۇبېيېكتلىق ئورنىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئىجادىي روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقى، خۇشال بولۇش - بولماسلىقى، ماقۇل بولۇش - بولماسلىقىنى خىزمىتىمىزنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىغا ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى بىلەن سەمىمىي دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، مەۋقەيىمىزنى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارغا قارىتىپ، ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تاش سىلاپ دەريادىن ئۆتۈش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى داۋاملىق بېيىتىشىمىز كېرەك. «سۇ ئېقىپ تۈگىمەس بولغاچ مەنبەسى، دەرەخ قۇرۇپ كەتمەس بولغاچ يىلتىزى». بىز پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى قەلبىمىزگە پۈكسەكلا، ئاندىن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالايمىز. مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدۇر. مىللەتلەر خىزمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ چۈشىنىشىگە، ئىشەنچىگە، قوللىشىغا ئېرىشكەندىلا، بۇ خىزمەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ، بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشىدۇ.
  
  نېغمەت ئابلىمىت تەرجىمىسى
  تەرجىمانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىدا