. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ھەزىل سوئال - جاۋابلار(6)
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:1457    ۋاقتى:2007-3-28    . www.seltenet.com .
 

سوئال:
 بوۋام ماڭا «ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىمايدۇ» دېگەنىدى. بىر كۈنى ئۆپكە - ھېسىپ ساتىدىغان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، ئۇ قوشنىمىز ئون نەچچە كاللىنى بىر قازاندا قاينىتىۋېتىپتۇ. بۇ قانداق گەپ؟ (مۇختار ئابلىزنىڭ سوئالى)
1. جاۋاب:
تاقىشىدىغان مۈڭگۈزى بولمىسىلا، قانچىسى بولسىمۇ قايناۋېرىدۇ.
- غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ماخمۇتجان ئۆمەر

سوئال:
 ئاڭلىشىمچە، تەڭرى ھاياتنىڭ توققۇز ئۈلۈشىنى ئاياللارغا، بىر ئۈلۈشىنى ئەرلەرگە بېرىپتىكەن. سىزچە بۇ راستمىدۇ؟
- شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى خىمىيە فاكۇلتېتىدىن: ئىلى توختى ئەينەك
جاۋاب:
تەڭرىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىمىغۇچە، خەقنىڭ گېپىگە ئىشەنمىگەن ياخشى.

سوئال:
 كونىلار «توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر، ئادەمنى نومۇس» دەپتىكەن. بىراق ھازىر ئەمەلدارنىڭ ئۆيىدىن چىقالمايدىغان يالاقچى، ياخشىلارغا قاپقان قويۇش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن پايلاقچى، خوتۇن - بالىلىرىنىڭ ئاچ - زارىن قىلىشى بىلەن كارى يوق يۈرگەن ئايغاقچىلارغا قاراپ بۇ سۆزدىن گۇمانلىنىپ قېلىۋاتىمەن. يا ئۇلاردىن بىرەرسىنى ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىمىدىم. كونىلارنىڭ بۇ گېپى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ بۇنى ئاڭقىرالدىم . (بېشىرجان ھېمىتنىڭ سوئالى)
جاۋاب:
گۇمانلانماڭ بېشىرجان، تەمسىل ئەقىل بۇلىقى،
ئۇنى مىراس قالدۇرغان ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ئار - نومۇسنى بىلمەيدۇ تەخسىكەشلەر، ئاچ كۆزلەر،
ھېسابلايدۇ ئامەت دەپ، تويسا ئەگەر قورسىقى.
ئۆلمەيدىكەن دەپ قالماڭ يۈرسە قۇرتتەك مىدىرلاپ،
تېگىپ تۇرار بېشىغا ئەلنىڭ غەزەپ چومىقى.
- يەكەندىن: ئۆمەر ئىسمائىل

سوئال:
 بۇرۇتۇم خەت تارتىپ، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان يىگىت بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمگە مۇناسىپ خىزمەت ئورنۇم ھەم قاملاشقان لايىقىم بار. مەن ياخشى كۆرگەن قىز: «ئاۋۋال ئۆي ئالسىڭىز، ئاندىن توي قىلايلى» دەيدۇ؛ ئەھۋالنى ئاتا - ئانامغا ئېيتسام «ئاۋۋال توي قىلساڭ، ئاندىن ئۆي ئالايلى» دەيدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە خېلى جىق خىزمەت ئىشلەپمۇ ھېچقايسىسىنى قايىل قىلالمىدىم. يولداش مۇھەررىر، قانداق قىلغاندا ھەم ۋاقتىدا ئۆيلىنەلەيمەن، ھەم ئۆزۈمنىڭ يېڭى ئۆيىدە توي كېچىسىنى ئۆتكۈزەلەيمەن؟ (مىجىت ماخمۇتنىڭ سوئالى)
1. جاۋاب:
 توي دېگەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تولۇق رازىلىقى ۋە قوشۇلۇشى بىلەن بولىدىغان ئۆمۈر سودىسى بولغاچقا، قاملاشقان ھېلىقى لايىقىڭىزغا: «سىز ئۆي ئېلىڭ، مەن سىزنى ئالاي» دېگەن تەكلىپنى بېرىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا، ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كەتمەمدۇ!
- مەكىت ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ياسىنجان ئوسمان
2. جاۋاب:
ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئېلىڭ قۇربىڭىز بولسا،
تەڭقىس قىلماڭ ئاتا - ئانىنى ئىلاج بولمىسا.
سورىقى بار مەھشەر كۈنى چۈنكى ئۇلارنى
سىزگە خوتۇن ئەپبېرەلمەي كۆز يۇمۇپ قالسا.
- قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن: تۇرسۇن تۇردى
3. جاۋاب:
 ئاياللارنىڭ«ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسا، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم بولسا» دېگەن ئىلتىجاسى تالاي ئەسىرلەردىن بېرى «كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان» ئاياللارنى قىيناپ كېلىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھەم سىزگە ئوخشاش يىگىتلەرگە زور بېسىم قىلىۋاتقان «قىزىق نۇقتا» مەسىلىسىدۇر. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە «ئېيىق»نىڭ سانى كۆپەيگەنگە ئوخشاش »ئۆڭكۈر»نىڭ باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ. شۇڭا لايىقىڭىز«ئۆڭكۈر»نىڭ غېمىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان گەپ. ئاتا - ئانىڭىزغا خىزمەت ئىشلەڭ، «پالتاڭ بولسا ئوتۇن كەممۇ، ئوغلۇڭ بولسا خوتۇن كەممۇ» دېگەن ئىدىيىدە بولمىسۇن. يىراققا نەزەر سېلىپ «ئۆڭكۈر» مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلالىسىڭىزلا، «ئېيىق»قا «جۈپ» تېپىشىڭىزنىڭ پۇرسەت، كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشىدۇ.
- خوشۇت ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىن: ھۈسەيىن مۇھەممەت

سوئال:
 پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە لايىق تاللاش، توي قىلىش، ئۆي تۇتۇش دېگەنلەر خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق، بىر خىل رىتىمدە ئېلىپ بېرىلاتتى. ھازىر زامان تەرەققىي قىلدى، ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. ئىلگىرى قىممەت بەزى تاۋارلار ئەرزانلاپ كەتتى. ئويلاپ قالدىم: نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە قىزلارنىڭ تويلۇق باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسەرمۇ ياكى چۈشەرمۇ؟ (مەردانىنىڭ سوئالى)
جاۋاب:
 تاۋارنىڭ باھاسى تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا سىڭدۈرۈلگەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. قىزلارنىڭ تويلۇق باھاسىغا كەلسەك ئىككى خىل بولىدۇ: مەسىلەن، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيىسى ئارقىلىق ئىنساب - ئىمان، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت، ئىنسانىي قەدىر - قىممەت تەربىيىسى كۆپلەپ سىڭدۈرۈلگىنىنىڭ تويلۇق باھاسى ئۆسمەيدۇ. پەقەت »تەڭ قىممەتتە» ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق قىزلارنىڭ «ئىستېمال قىممىتى»دىن «ساقلاش قىممىتى» زور بولىدۇ. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى «بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان تاۋار» دەپ چۈشەنگەن قىزلارنىڭ باھاسى يۇقىرى قويۇلغىنى بىلەن، بۇلارنىڭ بىر قېتىملىق ئىستېمال قىممىتىلا بولىدۇ، «ساقلاش قىممىتى» بولمايدۇ.
- خوشۇت ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىن: ھۈسەيىن مۇھەممەت

ژۇرنىلىمىز 2004.6 - سانىدىن

 

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(5)[638]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(4)[520]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(3)[494]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(2)[498]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار (1)[660]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:46.88ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社