... بىزگە مەلۇمكى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىر بالىنى ئالىي مەكتەپتە 4 - 5 يىل ئوقۇتۇش ئۈچۈن كەمىدە 50- 60 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدۇ. بۇ پۇل بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تاپاۋىتىمىز بولۇپ، ئۇنى غەملەش ھەلەكچىلىكىدە تىنىم تاپماي ئىشلەيمىز، تۈزۈككىنە كىيمەي - يېمەي پۇل يىغىمىز. بالا ئوقۇتماق ئاتا -ئانىلارنىڭ بېلىنى ئېگىۋېتىدىغان، ئاشۇنداق غەلۋىسى كۆپ بىر ئىش. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە بالا ئوقۇتمىقىنىڭ قىيىنلىقىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، روھى ئويغاق، ئەقىل - دىتى بار، ئېتىقادى كۈچلۈك بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئالتۇندەك تېپىلغۇسىز پۇرسىتى دەپ تونۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئوقۇپ ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا مەردانە قەدەم ئالماقتا. بەزى ستۇدېنتلىرىمىز ئۆز كەسپىدە نەتىجە يارىتىپ...
داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ! جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز! |