... قونچاقتەك چوڭ بولغان بالىلىرىنى خېلى بىر چاغلارغىچە يولدىن يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان، نامازشام بولا - بولماي ئۆيدىن سىرتقا چىقارمايدىغان، ياز كۈنلىرى بالىنى كۆل تۇرماق، ھەتتا ئېرىقتىكى سۇغىمۇ چۈشۈرمەيدىغان، بالا چاڭقاپ كېتىپ، غۇرتۇلدىتىپ سۇ ئىچكىلى تۇرسا، «قاچان گېلىغا تۇرۇپ قالاركىن» دەپ ئەنسىرەپ قاچىغا ئېسىلىۋالىدىغان، يۆتىلىپ قويسا «ئۆپكىسىدە سۇ تۇرۇپ قاپتۇ» دەپ دوختۇرغا يۈگۈرەيدىغان قىلىقلار دەل بۇرچكارلىق خىسلىتىنى ئۇنتۇغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماي نېمە؟ مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ قورۇسىدا يېزىدىن كەلگەن بىر دېھقان خېرىدارلارغا قوغۇن - تاۋۇز سېتىۋاتقاندا، ھارۋىغا قوشۇلغان ئېشەك مەھكەم باغلانغانلىقتىن مېڭىشقا ئىنتىلىپ، قۇترىغىنىچە تەخىرسىزلىك بىلەن قاتتىق ھاڭراپ كەتكەنىدى، بۇ چاغدا قوغۇن ئېلىۋاتقانلارنى تاماشا قىلىۋاتقان سەككىز ياشلىق بالا «ئېشەك يىغلاۋاتىدۇ ...» دەپ ھەيرانلىق ئىلكىدە چۇقان سالدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ مېيىقىدا كۈلگىنىمچە، بۇ پارنىك «مەھسۇلاتى»نىڭ ھەر ھالدا ئېشەك بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىگە شۈكرى دېدىم. بىز ئەنە شۇ بالىلىرىمىزغا قوغۇن - تاۋۇزنى ئوبدان تونۇتساقمۇ، ھاڭراۋاتقان ئېشەكنىڭ ھارۋىسىغا چىققۇچە قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ھالىتىنى «يىغلىدى» دېسە، كۈلمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق. چۈنكى، بىز ئەنە شۇ ھايۋانلارنىڭ ئادەت، خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشنى ...
داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ! جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز!
|