. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
تەرمىلەر
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:2103    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .
 

 

 پەيلاسوپتىن سورىشىپتۇ:
_ قانداق ئادەمنى ئەقىللىق دەيمىز؟
_ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نىشانغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان ئادەمنى.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەقىللىق ئادەم دائىم ئەينەككە قاراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق پايدىسى بار: ئەگەر چىرايى كۆرۈمسىز بولسا، ئەينەك ئۇنى ھېچ بولمىغاندا يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا، يۈزىگە قارا سۈركىمەسلىككە ئۈندەيدۇ؛ ئەگەر چىرايى كېلىشكەن بولسا، ئەينەك ئۇنى بولمىغۇر قىلىقلار بىلەن چىرايىغا داغ تەگكۈزمەسلىككە ئۈندەيدۇ.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ نادان ئادەملەر پەقەت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. بۇ خۇددى چىۋىننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پاسكىنا جايغىلا چاپلىشىۋالغىنىدەك بىر ئىش.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ۋاقىتلىق زىيان تارتىش ۋاقىتلىق غەلىبە قىلىشتىن كۆپ ئەۋزەل.
 ئارقار ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوۋ ئىتىغا مۇنداق دەپتۇ:
_ سەن ماڭا مەڭگۈ يېتىشەلمەيسەن. چۈنكى، مېنىڭ يۈگۈرۈشۈم ھاياتلىق ئۈچۈن، سېنىڭ يۈگۈرۈشۈڭ بولسا ئىگەڭگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن.
 ئەتىلىككە ئېرىشكۈڭ كەلمىگەن نەرسەڭدىن بۈگۈن ۋاز كەچكىن؛ ئەتىلىككە ئېرىشسەمكەن دېگەن نەرسىنى بۈگۈن تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگىن.
 بىر ئاقىل مۇنداق دەيدۇ:
_ بەدەن يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق بولغانغا ئوخشاش، روھ ئەقىل - پاراسەتكە موھتاج.
 ئەرلەر مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، خىزمەتكە بېرىلىش ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئالىدۇ؛ ئاياللار مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئېلىشنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى قىلىۋالىدۇ.
 شادلىق دېگەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىن يەكۈنلەنگەن مول تەجرىبىلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر.
 ئېسىڭدە بولسۇن: 20 ياشتا چىرايلىق، 30 ياشتا ساغلام، 40 ياشتا باي، 50 ياشتا ئەقىللىق بولالمىساڭ، بۇ نەرسىلەرگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
 مىجەز - خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ توي قىلىشى _ «بىر - بىرىنىڭ مىجەز - خاراكتېرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ نىكاھتىن ئاجراشقاندا بولسا «مىجەزى چىقىشالماسلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
 شەيتان بىرەر كىشىنى يوقلاپ بارماقچى بولسا، ھاراقنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەۋەتىدۇ.
 ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىرادىسىزلىك ئادەمنى ھەرقانداق نەرسىنى يەيدىغان قىلىۋېتىدۇ
.


(ماتېرىياللاردىن قاھار تەييارلىغان)
ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ئادىمىيلىك سەمىمىيەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ .........…
 بازار ئىگىلىكى (فېليەتون) ........…
 دېھقان ئاتا (نەسىر) ....................…
 غورۇرنامە(شېئىر) ........................…
 ھېزى بول(غەزەل) ...........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ئادىمىيلىك سەمىمىيەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ .........…
 بازار ئىگىلىكى (فېليەتون) ........…
 دېھقان ئاتا (نەسىر) ....................…
 غورۇرنامە(شېئىر) ........................…
 ھېزى بول(غەزەل) ...........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 مېنىڭ يەنە بىر تىلىم[1298]
 نېمە ئۈچۈن؟[1087]
 ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىمۇ ئۈمىد نۇ…[762]
 ھەقىقەت[607]
 تۇرمۇش زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟[643]
 ھاياتلىق ھېكمەتلىرى - ئىدرىس…[870]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:140.63ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社