... ... ... ئادەم ھەققىدە «ئادىمىيلىك» دېگەن سۆزدىن ئارتۇق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىلغان مۇۋاپىق سۆز بولمىسا كېرەك. شۇڭا، بۇ سۆز ئىنسانلارنىڭ «سالاپىتى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادىمىيلىك دېگەن سۆز پەقەت ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى نۇرغۇن مۇرەككەپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش ياكى چۈشەندۈرۈش قىيىن. ئادەم بۇ دۇنياغا تۆرەلگەنىكەن، چوقۇم ئادەمدەك ياشىشى، ئۆزىدە مۇناسىپ ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، ئادىمىيلىك _ ھەربىر ئىنساننىڭ ياشاش مەنتىقىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ ئەقلىمىزگە كەلگەندىن كېيىن چوڭلاردىن، كىتاب - ماتېرىياللاردىن « سەمىمىي بولۇش» توغرىسىدا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى ئاڭلايمىز، كۆرىمىز. بەزىلىرىمىز بۇ نەسىھەتلەرنى ئۇقۇم سۈپىتىدە چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىشقا سەل قارىساق، يەنە بەزىلىرىمىز ئۇنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمىز. ئادەم سەمىمىيلىكى ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇپ يېتىدۇ ھەمدە كىشىلەردە بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ، تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆزىگە خاس ئادىمىيلىكنى يارىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشىدۇ. مۇنۇ مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: بىز ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇلغا ئامراق خەلق بولۇپ، تىلىمىز چىقىشى بىلەن ناخشا ئېيتىشنى، ئايىغىمىز چىقىشى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىمىز. بۇنى پەقەت بىرەرسىنىڭ كەمچىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆگەنگەندەك، ئەگەر بىرەر پۇرسەت بولسىلا باشقىلارنىڭ ئاشۇ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرۇپمۇ كۆڭلىمىز قويمايدۇ. ئەمما، سەمىمىي سۆزلەر ئارقىلىق تەسەللىي بېرىشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. بەلكىم سەھنە ھازىرلانغان بولسا رول ئېلىۋاتقانلاردىنمۇ ئۆزگىچە بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئادىمىيلىك _ مېھىر- مۇھەببەت، باراۋەرلىك، ۋاپادارلىق، راستچىللىق، ھەققانىيلىق، شەپقەتلىك بولۇش قاتارلىق بىرمۇنچە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە ئىنچىكە تەرەپلىرى بار، ئەلۋەتتە. بىز كىشىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئۆز مەنپەئەتىمىزنىلا كۆزلىسەك، ئۆزىمىزنىڭ شان- شەرىپى ئۈچۈن ... ... ...
داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ! جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز! |