. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
دېھقان ئاتا (نەسىر) ........................................... ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:165    ۋاقتى:2007-10-16    . www.seltenet.com .
 

... ... ...
قۇياش ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك. چۈنكى، ئۇ ئانا تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تومۇرىدىكى قان. خۇددى قۇياشسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، ئىنسانىيەت ئالىمىدە قۇياشتەك يۈكسەك ۋە تاغدەك مەزمۇت ئىنسان بار. ئۇ بولسىمۇ جاپاكەش دېھقان ئاتا!
دېھقان ئاتا، سەن بىپايان سۆيگۈ دېڭىزى، مۇشەققەت دەشتىدە باشقىلارغا بەخت ئىزدەپ ماڭغان ھارماس كارۋان. سەن ئۈن - تىنسىز بەدەل، سەن توپا - تومان ئارىسىدىن قۇت پەرىلىرىنى باشلاپ چىققان ئاپئاق ساقاللىق خىزىر. شۇڭا، سەن تۇتقان كەتمەندىن گىياھسىز چۆل - باياۋانلار گۈلىستانلىق باغلارغا ئايلانسا، سەن ئېيتقان ناخشىلاردىن گۈل - گىياھلار شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشۈشىدۇ. سېنىڭ ھەربىر قەدىمىڭدىن مېھىر - مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇچار قۇشلار، جان - جانىۋارلار قاداق باسقان ئالىقىنىڭدىن نۇر ئېمىپ كۆكلەيدۇ. شۇڭىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە دېھقان − نان، دېھقان _ جان.
دېھقان ئاتا، سەن چاڭقاپ كەتكەن تۇپراقنىڭ باغرىغا شارقىراپ ياغقان شىپالىق يامغۇر. سەن مېھنەت دالاسىدىكى بىر سەيياھ. سۈبھى پەيتىدىكى تاڭ خورىزىنىڭ چىللىشىغا بېشارەت بەرگۈچى قوڭغۇراق ساداسى. سەن سازىڭنى چەككەندە، ئۇيقۇچان يۈرەكلەر ئۆزىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. دەل شۇ چاغدا يورۇقلۇقنىڭ سالامى ئۆيۈڭگە يېتىپ كېلىدۇ. سەن بىر ھەسەل ھەرىسى بولۇپ، زەررەڭ سەھەرنىڭ قۇچىقىدا ئېغىناپ ئوينايسەن. قاناتلىرىڭ شۇ سەھەرنىڭ گۈل - شىرنىلىرىگە مىلىنىپ، چاراقلاپ نۇر چاچىدۇ. ئاچچىق تەرلىرىڭدىن زېمىن تاتلىق لەززەتكە چۆمۈلىدۇ. بۇ سېنىڭ ئىشقىڭ ئەمەسمۇ؟ شۇڭىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە دېھقان _ شادلىق ئەلچىسى، دېھقان _ قەيسەر جەڭچى.
دېھقان ئاتا، سەن تۇپراق ئاستىدا قالغان قانداقتۇر قەدىرسىز بىر خىش پارچىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنى موھتاجلىق كوچىسىدىن مەئىشەت دۇنياسىغا باشلاپ بارغۇچى ئەۋلىيا. سېنىڭ روھىڭدا قىشۇ ياز باھار ئاپتىپى نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، گۈزەللىك سەندىن رەڭ ئالىدۇ. چۈنكى، قەلبىڭ پاك ئەقىدە ۋە سەمىمىيەتنىڭ ھىدى بىلەن تولغان.
مەن بىلىمەن: شاماللار سۆزلىمەيدۇ، ئەمما ئىلھامبەخش. تاغلار سۆزلىمەيدۇ، چىداملىق. گۈللەر سۆزلىمەيدۇ، گۈزەل. ئاي سۆزلىمەيدۇ، مېھىرلىك.
ئېيتقىنا دېھقان ئاتا، ئۇلار سەندىن رەڭ ئالغانمۇ ياكى سەن ئۇلاردىن ئۆگەنگەنمۇ؟ شۇڭىمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە دېھقان _ كەمتەر، دېھقان _ مەۋجۇتلۇق.
... ... ...

داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ!
جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز!

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ئادىمىيلىك سەمىمىيەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ .........…
 بازار ئىگىلىكى (فېليەتون) ........…
 دېھقان ئاتا (نەسىر) ....................…
 غورۇرنامە(شېئىر) ........................…
 ھېزى بول(غەزەل) ...........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ئادىمىيلىك سەمىمىيەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ .........…
 بازار ئىگىلىكى (فېليەتون) ........…
 دېھقان ئاتا (نەسىر) ....................…
 غورۇرنامە(شېئىر) ........................…
 ھېزى بول(غەزەل) ...........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ئادىمىيلىك سەمىمىيەت ئارقىلىق يارىتىلىدۇ .........…[250]
 بازار ئىگىلىكى (فېليەتون) ........…[209]
 غورۇرنامە(شېئىر) ........................…[238]
 ھېزى بول(غەزەل) ...........................…[170]
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…[448]
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…[392]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:31.25ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社