... ... ...
قىشتا، نېمىنى قانداق تېرىش ئۆزىمىزگە قويۇپ بېرىلگەن يەرلىرىمىزنىڭ بېشىغا ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ئىسسىتما ئولىشىپ، «بىر كۆلەم، بىر سورت؛ بىرتۇتاش مەبلەغ، بىر تۇتاش تېرىش» يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. يەنە يېزىمىزدا ھېسابات بار: خىمىيىۋى ئوغۇت، يەلتاراق ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدۇ. بىز «قىشتا؟» دەيمىز، «ھازىر ئەتىياز!»دەيدۇ باشلىقلىرىمىز. - بۇ قانداق بولغىنى؟ - بۇ، بازار ئىگىلىكى، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك... ئەنە شۇنداق دىئالوگلار بىلەن ئىش باشلايمىز. - بىر مو يەرگە 100 تاغار، يەنى تۆت توننا قىغ قۇيمىساڭلار بولمايدۇ! - مانا بۇ 100 تاغار!... ئەمەلىيەتتە قۇيغىنىمىز ئوغۇت خالتىسىدا 30-40 تىن ئاشمايدۇ. يېزا باشلىقلىرى كۈندۈزلىرى »ئۆلچەمگە يەتمىدى« دەپ تەستىقلىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆيلىرىگە كەتكەن پۇرسەتتە غاچچىدە ئاغدۇرۇۋالىمىز. بىزمۇ بازار ئىگىلىكىگە مانا شۇنداق يۈرۈش قىلىمىز. بىر مو يەرنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇتى 40 كىلوگرام بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىملىق تېرىم ئاخىرلاشسا، ھۆججەت- تالونلار يىغىلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ. تالون بولمىسا، ئوغۇت خالتىلاپ- خالتىلاپ كەنت كادىرلىرىنىڭ مۇز ئەپتىدە ھويلىمىزغا تاشلاپ بېرىلىدۇ. ھەر پەسىلنىڭ نورمىسى ئايرىم- ئايرىم تۇرسا، ئۇنى بىكار ئۆيدە ساقلاپ قالىمىز... »بازار ئىگىلىكى« ھەممىمىزنى سەگىتتى، ئەقىل ئۆگەتتى: خالتىسى نەچچە يۈز كويلۇق ئوغۇتنى ئۆيدە بىكار ساقلاشتىن كۆرە، سودا كوپىراتىپتىكىلەرگە ئازراق پۇل خەجلەپ، تالون كەستۈرۈۋالىمىز. ئۇنىڭغا بولمىسا، نېسىگە بېرىلگەن ئوغۇتنى 10- 20 كوي بولسىمۇ ئەرزانراق قىلىپ، باشقا ناھىيىدىكىلەرگە نەق پۇلغا سېتىۋېتىمىز! بىز ئەتىكى دۈمبەياغدىن بۈگۈنكى ئۆپكىنى ئەلا بىلىمىز. يېزا باشلىقىغا تالون، سان لازىم بولسا، بىزگىچۇ؟ ... بىزمۇ بوش كەلمەي، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ تۇرىمىز... ... ... ...
داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ! جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز! |