
مەركەزدىن كەلگەن سادا
ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى پىلانى: مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش يولىغا قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ..........................................................ژۇرنىلىمىز مۇخبىرى نيۇ جىنەن
تەلەيلىك ئوقۇرمەن
تەلەيلىك ئوقۇرمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋارىقى ............................................................
مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ
مەنىۋىيىتىمىزدىكى ياخشى يۈكسىلىشلەر(2) .................................................ئۆمەرجان سىدىق ئاتا دېگەن تاغ، ئانا دېگەن باغ ................................................................ ھەبىبۇللا رەجەپ
ساپا ھەققىدە پاراڭ
زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟............................................................................. يالقۇن روزى ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى.............................................................. ھەسەنجان ئابلەت
كىتاب ۋە ساپا
دوكتورنىڭ دۇنياسى _ دوكتور ئەسئەت سۇلايمان بىلەن سۆھبەت ....... غالىب مۇھەممەت قارلۇق
مىللەت خەزىنىسى
«دولان مۇقاملىرى» ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ........................ تۇرغان شاۋۇدۇن فارابىنىڭ قالۇن ئىجاد قىلىشى ..................................................................... ئەختەم ئۆمەر
مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت
ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ چۈشەنچىسى ............................................................ غەيرەتجان ئوسمان ئۈستۋېشىمىزدىكى كىملىك _ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىمىز ........ ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
ھاياتلىق ھېكمەتلىرى
پەزىلەتلىك ياشا، ھەي ئىنسان! ............................................. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر
قەلبىمدىكى روزى سايىت ......................................................................... دۆلەت قۇربان
مىللەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت
سەنئەتچىلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسى .......................................................... ئەنۋەر ئابدۇرېھىم
جەمئىيەتتىن سادا
بىز يوقىتىۋاتقان تەبىئىيلىكلەر ۋە قۇربانلىققا ئايلىنىۋاتقان بالىلار ........... ئانىقىز ئەزىز ئېلتەرىش «مەكتەپتىكى مۇھەببەت» يەنە قاچانغىچە داۋاملىشار؟......................... ئابلىز ئىبراھىم دولان
مىللەتلەر باغچىسى
لەنجۇدىكى ئۇيغۇرلار ......................................................................... ئابدۇۋەلى ئايۇپ شىزاڭدىكى لوبا مىللىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى .......................... ئابدۇسالام تۇرسۇن
دۇنيا مىللەتلىرى
تۈركمەنلەر ........................................................................................ دىلشات ئىدرىس
جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
زادى كىم ئۆزگەردى؟ ............................................................. ئىدرىس بارات تەييارلىغان دوستلارغا تەكلىپ .................................................................. ئىدرىس بارات تەييارلىغان ئەقىل ئۈنچىلىرى ........................................................................... مەمەتجان ئابدۇغېنى
ھەزىل سوئال - جاۋابلار
ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋاب كۈتكەن سوئاللار ........................................
ئوقۇرمەنلەر ساداسى
«چاپانشال رېستورانى» _ نادانلىققا دادىل ئۇرۇلغان قامچا....................... ھوشۇر ئابدۇللا
گۈلدەستە
ئارمانلىق تۇيغۇلار (چاتما نەسر)......................................................... ئەنەيتۇللا قۇربان جىرىڭ - جىرىڭ مارجانلار (نەسرلەر)................................................... مېھرىگۈل راخمان ئۆزگىچە (شېئىر)................................................................................. مۇساجان يۇنۇس دېھقان ئاتا (شېئىر)............................................................. مۇھەممەدئىمىن ئابدۇقەييۇم دوستلارغا سۆز (شېئىر)................................................................. ئابدۇكېرىم ئابدۇخالىق بىرغېرىچ (شېئىر).................................................................................. زەينۇرە زەيىدىن پاكلىق قەسىدىسى (شېئىر).................................................................... مۇھەممەت مۇسا دېھقان سۈرىتى(شېئىر) ......................................................................... قۇربان ئابلىمىت
مۇقاۋىدا
مۇقاۋىنىڭ 1 - بېتىدە: دېھقان .................................................. ئۆركەش جاپپار فوتوسى مۇقاۋىنىڭ 2 - بېتىدە: شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ژۇرنىلىمىز ئاپتورلىرىدىن _ ئابدۇغېنى قۇرباننىياز ......................................................................... مۇقاۋىنىڭ 3 - بېتىدە: شەيدائى كومپيۇتېر ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما ..................... مۇقاۋىنىڭ 4 - بېتىدە: ئۇيغۇر دېھقانلىرى (سۈرەت كىرىشتۈرۈلگەن شېئىر)............................. .............................. ماخمۇت مۇھەممەت شېئىرى، ئۆركەش جاپپار، غەيرەت مەمتىمىن فوتوسى
بۇ سان ژۇرنالدىكى قىسمەن ئەسەرلەردىن تەرمىلەر
ئاتا دېگەن تاغ، ئانا دېگەن باغ __ ھەبىبۇللا رەجەپ
مېنىڭ ھازىرقى دەۋر دېھقانلىرىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلىغان دېھقان تونۇشۇم بار ئىدى. ئۇ تىرىشچان، ئىشچان، جاپادىن قاچمايدىغان روھى بىلەن بىرنەچچە مو يېرىدە پارنىك ياساپ كۆكتات ئۆستۈرۈش، بىرنەچچە مو يەردە ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكلىك بەرپا قىلىش ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىككىلا پەرزەنتى بار بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى گۆھەردەك ئەتىۋارلاپ، ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ قىلغانىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بار جاپانى ئۆزلىرى تارتىپ، تاپقان پۇللىرىغا بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى. تەلىيىگە بۇ دېھقاننىڭ ئارزۇسى چېچەك ئېچىپ، چوڭ قىزى ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىندى..... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟ __ يالقۇن روزى
يېقىنقى يىللاردا شېئىر- قوشاقلاردا، سەھنە- ئېكرانلاردا «ئانىلار ئۇلۇغ»، «جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا»،«ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ» دېگەنگە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى كەڭ ئومۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كىشىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. كىشىلەر ئانىلارنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارىقويۇق ئۇلۇغلايدۇ؟ مېنىڭچە، ئۇلار ئومۇمەن مۇنداق قارايدۇ: «ئانىلار توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغىدۇ؛ يەنە بالا ئېمىتىدۇ، بالىنى پەرۋىشلەپ چوڭ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئىنسانلار!» قارىماققا، ئانىلارنى بۇنداق ئۇلۇغلاشنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ، ئەمما...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى __ ھەسەنجان ئابلەت
ئۇتۇق قازانغان بىر داڭلىق سودىگەر بولۇپ، كوچىدا كىيىم-كېچەكلىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن بىر قەلەم ساتقۇچىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ. ھېچ ئويلانماستىنلا، يېنىدىن ئون دوللار پۇلنى چىقىرىپ، قەلەم ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. بىر قانچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ تازا جايىدا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قايتىپ كېلىپ قەلەم ساتقۇچىدىن كەچۈرۈپ سورىغان قىياپەتتە، «پۇلنى بېرىپ قەلەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى»نى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئايرىلىش ئالدىدا، قەلەم ساتقۇچىغا ئۇ: «كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئەپەندى. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش سودىگەر ئەمەسمۇ؟» دەپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
دوكتورنىڭ دۇنياسى _ دوكتور ئەسئەت سۇلايمان بىلەن سۆھبەت __ غالىب مۇھەممەت قارلۇق
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەسئەت ئاكا، سىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. يېقىندا «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىڭىز نەشردىن چىقىپ، كىتابخانلارنى ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە يېڭى بىر ئويلىنىشقا سالدى. كىتابىڭىزنىڭ زىلزىلىسى جەمئىيەتتە خېلىلا زور بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزدىن سوراپ باقسام، نېمە مەقسەت بىلەن ئۇشبۇ كىتابىڭىزنى يېزىپ چىقتىڭىز؟ ئەسئەت سۇلايمان: كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە ئازراق گەپ قىلىپ بەرسەم، 2003 -، 2004 - يىللىرى شۋېتسىيە ستوكھولىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ جەرياندا...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
فارابىنىڭ قالۇن ئىجاد قىلىشى __ئەختەم ئۆمەر
ئەلقىسسە، ھەزرىتى فارابىنىڭ ئىچى تىتىلداپ، بىرخىل نازۇك مۇڭنى ھېس قىلىپ قالدى. مۇزىكىلارنى ئاقتۇرۇپ ئىزدىدى. ئۇ تەمبۇر بىلەن دۇتار ئارىسىدا دائىم بىر كەمتۈكلۈك، يۈرەكنىڭ تارىسىنى چېكىپ، ئىنساننىڭ ئەڭ زىل، ئەڭ نازۇك ھېسسىياتىنى غىدىقلايدىغان بىر سازنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، بارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى بىر - بىرلەپ چېلىپ كۆرۈپ، بۇ كەمتۈكلۈكنى تولدۇرالمىدى. ئۇنىڭ ئېڭىدىكى مۇزىكا دۇنياسىغا قەدىم چالغۇ«غوڭقا» يېقىنلاشقاندەك تۇيغۇ بەردى. غوڭقانى قولىغا ئېلىپ تارلىرىنى ئىلماي چېكىپ باقتى، يېقىنلاشتى- يۇ، يەنىلا ئۇنىڭ...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ چۈشەنچىسى __غەيرەتجان ئوسمان
«قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى قىياپىتىنى سىرلىق، جەزبدار ۋە دەبدەبىلىك تەرىزدە ئىپادىلەش ئۈچۈن رەڭ سۆزلىرى ئىنتايىن جانلىق تەتبىقلانغان. مەسىلەن: بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز چىرايى كۆك ئىدى، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى، ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى.② «ئوغۇزنامە»دە «كۆك» (رەڭ)سۆزى ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن. يەنى ئۇ يۈكسەكلىكنىڭ، شان - شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. بۇ...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
پەزىلەتلىك ياشا، ھەي ئىنسان! __ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
بىزنىڭ ھايات ھەققىدە بىلىدىغىنىمىز شۇنداق: ئادەم دۇنياغا يىغلاپ تۇغۇلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، گاھ يىغلاپ، گاھ كۈلۈپ دېگەندەك غەمسىز بالىلىقى بىلەن خوشلىشىپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. كېيىن ئۆي - ئوچاقلىق، بالا - ۋاقىلىق بولىدۇ. تىرىكچىلىك ئېھتىياجى سەۋەبلىك ھەر كويلارغا قەدەم باسىدۇ. مۈشكۈلاتلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ئېلىشىپ، بار ئاماللارنى قىلىپ جان تىكىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ. بىرنى ئىككى قىلىش كويىدا كۆرمىگەن كۈننى كۆرىدۇ. ئايلار يىللارنى، يىللار يىللارنى بىر - بىرىگە دەستىلەپ، بىر كەم بولغاندا ئۇ ياكى بۇ سەۋەبلەر بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ. تىرىكلەر ھەسرەت چېكىپ قېلىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق كۈنلەرگە دۇچار بولىدۇ... ھاياتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇرۇدىغان بۇ كۆرۈنۈشى ئاخىرلاشمايدۇ...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
لەنجۇدىكى ئۇيغۇرلار __ئابدۇۋەلى ئايۇپ
1990 - يىلدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، گەنسۇ ئۆلكىسى ئىچكى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. يەنى شۇ چاغدىكى مەلۇماتتا، «ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 946 كىشى» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە لەنجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 250 كىشى بۇ شەھەرگە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، گەنسۇ ئۆلكىسىگە ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىرنىڭ 10 - يىللىرىدا شىنجاڭدا باشلانغان تۈرلۈك قوزغىلاڭلار سەۋەبىدىن، پاناھلىنىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئىكەن. گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
تۈركمەنلەر __دىلشات ئىدرىس
تۈركمەنلەرنىڭ ھېيىت - ئايەم، ئۆلۈم - يېتىم قائىدە - يوسۇنلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ توي - تۆكۈن قائىدە - يوسۇنىدا بەزى قىزىقارلىق ئۆرپ - ئادەتلەر بار: تۈركمەنلەر ئۆز - ئارا قۇدىلاشقاندا، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە 60 تۇياق قوينى قىز مېلى قىلىپ بېرىدۇ. چاي ئىچىرۈلۈپ تاكى تويى بولىدىغان كۈنىگىچە توي قىلماقچى بولغان قىز - يىگىتنىڭ بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. توي بولغان كۈنى ...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
زادى كىم ئۆزگەردى؟ __ ئىدرىس بارات تەييارلىغان
ئېرى دەيدۇ: خوتۇنۇم ئۆزگىرىۋالدى، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ، بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. خوتۇنى دەيدۇ: ئېرىم ئۆزگىرىۋالدى، كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ، ئۆينىڭ ئىشى بىلەن كارى يوق، بارغانسېرى ئوغلۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. مۇئەللىم دەيدۇ: ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى، كىچىكلا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، دائىم دەرستىن قالىدۇ، ئاندىن ھەدەپ دەرستىن سىرىتقى كۇرۇسلارغا يۈگۈرەيدۇ. ئوقۇغۇچى دەيدۇ: مۇئەللىملەر...... _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
بىرغېرىچ (شېئىر) __زەينۇرە زەيىدىن
قايرىپ قويۇپ ھايانى، كىيگەن يوپكاڭ بىر غېرىچ، شۇ يوپكىنىڭ ۋەجىدىن ئاران ماڭدىڭ بىر غېرىچ. مودا قوغلاپ ئۆزۈڭچە قىلىپ باقتىڭ ھەممىنى، ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى كېسىپ تاڭدىڭ بىر غېرىچ!
كىيگەن كوپتاڭ بېلىڭنى ياپمىغاننى ئاز كۆرۈپ، ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئويۇۋالدىڭ بىر غېرىچ. _ ئەسەرنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىڭ ياكى مۇشتەرى بولۇڭ! يىللىق مۇشتەرى ھەققى 27 يۈەن، چىقىمىڭىز ئايدا 2.5 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ژۇرنىلىمىز جايلاردىكى كىتاب بوتكىلىرىدا سېتىلىدۇ.
|