... كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر يۇرتقا جۆنەپتۇ. ئىپتىدائىي توغراقلىق ئارىسىدا بىر كۈن يۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قىلالمىغان مۇھىم بىر ئىشنى تۇيۇقسىز يادىغا ئېلىپ، لەسسىدە بوشىشىپ قاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ، قوشنا مەھەللىدىكى بىر ئاقساقالنىڭ قۇدىسىغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان مۇھىم ئامانەت سۆزىنى دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالغانىكەن. »ئامانەت سۆزى- قىيامەت سۆزى« دېگەن گەپ بار، ئۇلارنىڭ كاللىسى قېتىپتۇ. ۋاقتىدا دەپ قويمىسا ئاقساقالنىڭ يۈزىگە قارىغىلى بولمايدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇ مۇھىم بىر ئىش ئىكەن. بۇ ئىش خۇددى بىر غۇرۇر، ئېتىقاد سىنىقىدەك، ئۇلارنى ئويلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاخىر ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، بىرى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرىدىغان، يەنە بىرى كېچىلەپ يۈرۈپ ئاشۇ ئامانەت سۆزىنى يەتكۈزۈۋېتىپ كېلىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ... يۇرتقا جۆنىگىنى مەھەللىگە كىرىپ كەلگەندە، ئەل- يۇرت سۇ غوۋغاسىدا يۈرۈشكەن ئىكەن. ئۇ قاغجىراپ ھالى قالمىغان ئېكىنلىرىنى سۇغىرىۋېلىش ئۈچۈن بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قاپتۇ. ئۆزىنى ساقلاپ قالغان ھېلىقى دوستىنىڭ بالا-چاقىلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ ئېكىنلىرىنىمۇ سۇغىرىپتۇ. پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئۇ، دوستىنى »ئاللىقاچان مەنزىلگە جۆنەپ كەتتى«دەپ قاراپ، يۇرتتا تۇرۇپ قاپتۇ. لېكىن، دوستىنىڭ تۆت ئايغىچە دېرىكى بولماپتۇ. ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئوتىدا قانداق كۆيگەن بولسا، ھالال نىيىتى بىلەن دوستىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ شۇنداق كۆيۈنۈپتۇ: يوقىنى تەل قىلىپ بېرىپتۇ، ئۇلارنى تەشۋىشلەندۈرمەپتۇ. قىش كېلىپ ئېتىز ئىشلىرى سېلىككەن بىر كۈنى، ئۇ دوستىنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۆزلىرى تۆت ئاي بۇرۇن يۈرگەن يولغا چۈشۈپ ھېلىقى جايغا يېتىپ بارغاندا ...
داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىقامسىز؟ ئازغىنە پۇل چىقىرىپ مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان ژۇرنالدىن بىرگە يېزىلىپ قويۇڭ! ياكى سېتىۋېلىڭ! جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرىنى ھەرقايسى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋالالايسىز! تەھرىراتىمىز ئارقىلىق ھەرۋاقىت مۇشتەرى بولالايسىز! |