. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ھەزىل سوئال - جاۋابلار(5)
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:638    ۋاقتى:2007-3-28    . www.seltenet.com .
 

سوئال - جاۋابلار

سوئال :
بەزىلەر ئاياللار دۇنيادا ئەڭ جاپاكەش ، ئۇلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەرلەرنىڭ كەمسىتىشى ۋە ئېزىشىگە ئۇچراپ كەلدى ؛جاھاندا ئۇلار تارتمىغان دەرد قالمىدى ، دەيدۇ . راستتىنلا شۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئاياللار دۇنيادىكى ھەممە دەردنى تارتىپ باققانمىدۇ ؟
- ئۈرۈمچى شەھىرىدىن : گۈلنەزەر سابىت
جاۋاب :
 ئەرلەرگىلا خاس دەردلەرنى تېخى تارتىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن .

سوئال :
 ئايالىم ئېغىرئاياق ئىدى ، ئۇ بەزىلەرنىڭ « ھامىلىنىڭ قورساقتىكى شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ » دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ ، « بالىمىز چوڭ بولغاندا پۇلدار ئادەم بولىدىكەن » دەپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىدۇ. ئېيتىڭە مۇھەررىر، بالام چوڭ بولغاندا راستتىنلا شۇنداق ئادەم بولارمۇ ؟
  جاۋاب :
ئەگەر بالىڭىز ئوغۇل بولسا ، چوڭ بولغاندا چوقۇم ئەر بولىدۇ ؛ ئەگەر قىز بولسا ، چوڭ بولغاندا چوقۇم ئايال بولىدۇ .

  سوئال :
مەھەللىمىزدە كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ، ئەقىللىق بىر قىز بار . ئاڭلىسام ، ئۇ : « كەڭ - ئازادە ئۆيى بار ، ئەللىك - ئاتمىش قويى بار ، بىرەر يۈزمىڭ كويى بار ؛ ئىشلىرى ئېقىشلىق ، قامىتى يېقىشلىق » يىگىتكە ياتلىق بولارمىش . شۇنداق بولسا كۈنلىرى تاتلىققا ، ئۆيلىرى شادلىققا تولارمىش . مېنىڭ شۇ قىزغا بەكمۇ ئۆيلەنگۈم بار ئىدى . ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام ، ئالدىنقى شەرتلىرىگە توغرا كەلسەممۇ ، « ئىشلىرى ئېقىشلىق ، قامىتى يېقىشلىق » دېگەن شەرتى سەل ئېغىر كېلىۋاتىدۇ . قانداق قىلسام مەقسىتىمگە يېتەلەرمەن ؟
- يەكەن بازارىدىن : نۇرمۇھەممەت
جاۋاب :
بولسىمۇ گەر ئاۋاق ، كۆرۈمسىز ،
پاك ئەمەلدار دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ .
بولغاچقا باي بىلىم ، تەدبىرگە،
كەلدى ھەرچاغ ئامەتلىرى ئوڭ .
جاۋاب شۇ ،
   دوستۇم نۇرمۇھەممەت :
بولسا سىزدە ئاشۇنداق خىسلەت ،
سىز تەلپۈنگەن شۇ ئوماق قىزمۇ ،
ھەمراھ بولغاي سىزگە تائەبەت .
- يەكەندىن : ئۆمەر ئىسمائىل

سوئال :
مەن بەزىدە كىشىلەر ئاغزىدىن « پالانى ۋىجدانلىق ئادەم ئىكەن ، پوكۈنى ۋىجدانسىز ئادەم ئىكەن » دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن . ئۇنداقتا ۋىجدان دېگەن زادى قانداق نەرسە ؟
- قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ يېزىسىدىن : مۇختار ئابلىز
جاۋاب :
ۋىجدان دېگەن كۆزگە چېلىقمايدىغان، قولغا چىقمايدىغان ، بىراق ھەممە ئادەم ئۆزىدە يوق دېمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە.

سوئال :
 بىر خىزمەتدىشىم بولىدىغان. ئۇ دائىم : « مەن ساڭا قارىغاندا بەش - ئالتە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان . . . » دەپ پىكىرلىرىمنى رەت قېلىۋېتىدۇ. ماڭا يول كۆرسىتىڭلارچۇ ، بەش - ئالتە ئىشتاننى سېتىۋېلىپ يىرتىۋەتسەم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالارمەنمۇ ؟ ( رىزۋانگۈل ئەزىز ئۇيغۇرىنىڭ سوئالى (
جاۋاب :
ئوقنىڭ تەگمىكى پىستاندىن ئەمەس ،
ھالاۋەت ھىممىتى مىشچاندىن ئەمەس ،
پىكىردە تەڭ بولۇش باشقىلار بىلەن ،
مېنىڭچە جىق يىرتقان ئىشتاندىن ئەمەس .
- توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مۈيۈنگۈزەر مەكتەپتىن : ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

سوئال :
يولداش مۇھەررىر، ئاق كۆڭۈللۈكنى  - ئەخمەقلىق، سېخىيلىقنى  - ئىسراپخورلۇق، » يول قويۇش »نى  - قورققانلىق، ھۆرمەت قىلىشنى  - خۇشامەت قىلىش، سۈكۈت قىلىشنى  - گالۋاڭلىق دەپ چۈشىنىدىغان مۇتتەھەملەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك ؟ ( سۈپۈرگىنىڭ سوئالى (
جاۋاب :
سىزچە ئاشۇنداق قۇمدا ئولتۇرسا كاسسىسىنىڭ ئىزى قالمايدىغانلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟
- « شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى »دىن مۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىن

سوئال :
 بوۋام ماڭا « ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىمايدۇ » دېگەنىدى . بىر كۈنى ئۆپكە - ھېسىپ ساتىدىغان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم ، ئۇ قوشنىمىز ئون نەچچە كاللىنى بىر قازاندا قاينىتىۋېتىپتۇ. بۇ قانداق گەپ ؟ ( مۇختار ئابلىزنىڭ سوئالى)
جاۋاب :
بوۋىڭىزنىڭ گېپىنى يالغان دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ، بوۋىڭىز ياشىغان دەۋرلەردە « ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىمايدىغانلىقى » راست ئىدى . سىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە ، ئۆزئارا نەپ تەگسە ئون نەچچە كاللىنى بىر قازاندا قايناتسىڭىزمۇ سەن - مەن دېيىشمەيدۇ .
- ئاراتۈرۈك ناھىيە ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىن : زىۋىيدە گالى

ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(6)[1456]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(4)[520]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(3)[494]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(2)[498]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار (1)[660]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:46.88ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社