«جاۋاب بېرىڭ»گە جاۋابلار
سوئال: مەن بەزى كىشىلەردىن »ئون گۈلۈمنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىدى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئۇنداقتا ھەممە ئادەمنىڭ راستتىنلا ئون گۈلى بولامدۇ؟ قانداق بولسا ئون گۈلى ئېچىلغان بولىدۇ؟ (ئادىل ھاشىمنىڭ سوئالى) جاۋاب: «ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلارىغا نېمە يەتسۇن» گۈلى بولماس ۋىسالىغا يەتمىگەننىڭ. ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ھەم نە ئېچىلسۇن، گۈللەر تېرىپ، جەبىر-جاپا چەكمىگەننىڭ. ئون گۈلى تەڭ ئېچىلمىسا كەس قۇلاقنى بەخت قۇچۇپ بۇنداق جاندىن كەچمىگەننىڭ. - يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدىن: ئابلىمىت ئىبراھىم
سوئال: بەزىلەر «تەقدىر ئادەمنى، ئادەم تەقدىرنى ئىزدەپ يۈرىدۇ» دەيدىكەن. مەن خېلى يىللاردىن بېرى تەقدىرنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. تەقدىر دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ مەن ئۇنى قاچانلىققا تاپالايمەن؟ (ئابدۇقېييۇم سۇلتاننىڭ سوئالى). (1) جاۋاب: تەقدىر ئۇ - مەيدانسىز، يۇمۇلاق تاۋۇز، بەزىدە مېھرىبان، بەزىدە ياۋۇز. تەدبىرىڭ بولمىسا تېپىلماس تەقدىر، گاھ كۈلۈپ، گاھ يىغلاپ يۈرسەڭمۇ يالغۇز. - يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدىن: ئابلىمىت ئىبراھىم (2) جاۋاب: دۇرۇس بولسا نىيىتىڭ ھەمدە باسقان قەدىمىڭ، تەقدىر ساڭا بەختلىك قۇچىقىنى ئاچىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا نىيەت-ئىقبالىڭ - تەقدىر ئامەت-بەختىڭنى ئېلىپ يىراق قاچىدۇ! - كەلپىن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: سالى ئىبراھىم
ژۇرنىلىمىز 2004.1 - سانىدىن |