. مىللەتلەر باغچىسى . . غوللۇق ئاپتورلىرىمىز . . مۇھەررىرلىرىمىز . . باش بەت .
. فېليەتون بۇلۇڭى . . گۈلدەستە . . ساپا ھەققىدە پاراڭ . . ئەسەرلەر سالونى .
. سۆز قالدۇرۇڭ . . جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر . . مىللەت ۋە مائارىپ . . ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا .
. ئەسەر يوللاڭ . . مىللەت خەزىنىسى . . ھاياتلىق ھېكمەتلىرى . . مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ .
 
ھەزىل سوئال - جاۋابلار(2)
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:498    ۋاقتى:2007-3-28    . www.seltenet.com .
 

«جاۋاب بېرىڭ» گە جاۋابلار

سوئال:
 خەلقىمىزدە «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دېگەن گەپ بار. سىزنىڭچە، قان-قېنىغا نەپسانىيەتچىلىك سىڭىپ كەتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ بىزلەرگىمۇ قايتۇرىدىغان، بېرىدىغان چاغلىرى بولارمۇ ؟ (تۇردى ئوبۇلنىڭ سوئالى )
جاۋاب:
 ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىرى، ئۇلارنىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشكەندە ؛ يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە.

سوئال:
 ھازىر جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ كىيىملىرى بارغانسېرى نېپىز، بارغانسېرى تار، بارغانسېرى ئاز بولۇپ، يېرىم يالىڭاچ يۈرۈش ئەۋج ئالماقتا. ناۋادا بۇ ئىشلار تەرەققىي قىلىپ، يالىڭاچ يۈرۈش مودا بولۇپ كەتسە، پاختىكارلار، توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى ۋە كىيىم تىكىپ ساتقۇچىلار ئىشسىز قېلىپ، «مۇقىملىق» بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ ؟ (تۇردى ئوبۇلنىڭ سوئالى)
جاۋاب:
 ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇ چاغدا ئەرلەر قېلىنراق كىيىنىشكە، يۈزىگە چۈمبەل تارتىشقا توغرا كېلەر، شۇنىڭغىمۇ رەخت كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟

سوئال:
 «كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ» دەيمىز، ئەمما ھازىر ئىت ياتقان يەرلەردىمۇ يېتىۋېرىدىغان كۆڭۈل ئىگىلىرى خېلى كۆپ. بۇنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن ؟ (ياسىنجان ئوسماننىڭ سوئالى)
جاۋاب:
 بۇ، ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، خاراكتېرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىمىكىن؟ سىزنىڭچە قانداق؟

سوئال:
ھازىرقى كۈندە ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭمۇ ياكى پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ؟ (تۇرسۇنجان ئەرشىنىڭ سوئالى)
جاۋاب:
 قايسىسىنىڭ قىممىتى چوڭ بولسا، شۇنىڭ كۈچى چوڭ.

سوئال:
 ئېشەك بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىكەن، ئەمما ئادەم «بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈك»تىن ئون قېتىملاپ ئۆتسىمۇ كۆڭلى تىنمايدىكەن. ئويلىنىپ قالدىم: زادى ئادەم ئەقىللىقمۇ ياكى ئېشەكمۇ ؟(مامۇت توختىنىڭ سوئالى)
جاۋاب:
 مېنىڭچە، بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئۆتكىلى ئۇنىماسلىق - ئېشەكچە ئەقىل ؛ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەسلىك بولسا - ئادەمچە ئەقىل.
 -چەرچەن ناھىيە 3-ئولتۇراق رايونىدىن: شېرىنگۈل مۇسا

ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن


بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
     تەۋسىيە ئەسەرلەر      يېڭىلانغان مەزمۇنلار      ئالاقىدار ئەسەرلەر
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز .................…
 ھەزىل سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار ۋە جاۋا…
 كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن 10 تۈرلۈك ھازىرلىق .... ئەنۋەر ي…
 تۇنىسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى  .…
 بىزگە قانداق ستۇدېنتلار كېرەك؟ ...............…
 بالىلاردا مېنىڭ غېمىم .........................…
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(6)[1456]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(5)[637]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(4)[519]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار(3)[493]
 ھەزىل سوئال - جاۋابلار (1)[660]
 

ژۇرنىلىمىز 5-سانى…

ژۇرنىلىمىز 4-سانى…

قۇلۇلە بىلەن بۈر…

تاجىكلارنىڭ توي…

تەرمىلەر

ئەر- خوتۇن ئوتتۇ…
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
ئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭئىلتىماس قىلىڭ
Copyright 2007-2010 seltenet        www.seltenet.com        بەت ئېچىلىش سۈرئىتى:46.88ms
新ICP备05001492号 E-mail:xj8569662@yahoo.com.cn QQ:95452577 Tel:13579800944
 
国家级期刊 《中国民族》杂志, 主管:国家民族事务委员会 主办:民族团结杂志社